10-ئاينىڭ 30-كۈنى، مېھمانلار بېلگىيەنىڭ بىريۇسسېلدىكى جۇڭگو مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو-ياۋروپا ئىتتىپاقى ساياھەت يىلى . خاربىن قار-مۇز ساياھىتىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا ماتېرىياللارنى كۆرمەكتە.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: جۇڭگو-ياۋروپا ئىتتىپاقى ساياھەت يىلى . خاربىن قار-مۇز ساياھىتىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى بېلگىيەنىڭ بىريۇسسېلدىكى جۇڭگو مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ خاربىن ساياھەت تەشۋىقات فىلىمى ۋە ساياھەت مەنزىرە سۈرەتلىرى كۆرگەزمىسىنى كۆڭۈل قويۇپ تەييارلاپ، خاربىننىڭ قار-مۇز، سالقىنداش، تارىخىي مەدەنىيەت، مۇزىكا سەنئىتى قاتارلىق مول ساياھەت بايلىقلىرىنى ئومۇميۇزلۈك تونۇشتۇرۇپ، بۇ ئارقىلىق ياۋروپا خەلقىنىڭ خاربىنغا بولغان تونۇشى ۋە چۈشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ، ھەر تەرەپلىمە ساياھەت ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى. (جېن خۇەنسۇڭ فوتوسى)