تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

5 – نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايون بويىچە ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ياخشى ئۆسمۈر››لەرنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

  مۇخبىرىمىز جاۋ شىيا خەۋەر قىلىدۇ: 10 – ئاينىڭ 30 – كۈنى چۈشتىن كېيىن، 5 – نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايون بويىچە ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ياخشى ئۆسمۈر››لەرنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى تيەن ۋېن مۇكاپاتلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  نادىرە ئەمەرجان، شۈ تيەنئەي قاتارلىق 30 ئوقۇغۇچى 5 – نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايون بويىچە ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ياخشى ئۆسمۈر›› دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى.

  ئىگىلىنىشىچە، 5 – نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايون بويىچە ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ياخشى ئۆسمۈر››لەرنى باھالاش پائالىيىتىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتى كومىتېتى قاتارلىق تارماقلار بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن. بۇ يىل 6 – ئايدا باھالاش پائالىيىتى باشلانغاندىن بۇيان، جايلار كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، كەڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئەتراپىدىكى يېقىملىق، قەدىرلىك، ئىشەنچلىك، ئۆگىنىشكە ئەرزىيدىغان بىر تۈركۈم تىپلارنى تاللاش، نامزاتلىققا كۆرسىتىش، باھالاش جەريانىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ياخشى ئۆسمۈرلەردىن ئۆگىنىش جەريانىغا ھەقىقىي ئايلاندۇرغان.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ياخشى ئۆسمۈر››لەرنى باھالاپ تەقدىرلەش پائالىيىتى 2010 – يىلى باشلانغان بولۇپ، ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم باھالىنىدىكەن، ھازىرغىچە ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ياخشى ئۆسمۈر››دىن 120 سى باھالىنىپ، كەڭ ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئۆگىنىدىغان ئۈلگىگە، يېتىدىغان نىشانغا ئىگە قىلىنغان، بۇ پائالىيەت مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىدىكى ئۈنۈملۈك خىزمەت ۋاسىتىسىگە ئايلانغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى