تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

ئەگەر تۇيۇقسىز مېڭىگە قان چۈشسە قانداق جىددىي قۇتقۇزۇش كېرەك؟ (2)

ماتېرىيال سۈرەت

    مېڭىگە قان چۈشۈشنى مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ، ئادەتتە بۇ كېسەلنىڭ يۈز بېرىشى تېز، داۋالاش ۋاقتى قىسقا بولىدۇ. گۇاڭجوۋ تېببىي داشۆسى شۆبە 2-دوختۇرخانىسى نېرۋا تاشقى كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى جى يۈنشياڭ مۇنداق دېدى: ئەگەر بىماردا مېڭىگە قان چۈشۈش ئەھۋالى كۆرۈلسە، دەرھال 120 جىددىي قۇتقۇزۇش نومۇرىغا تېلېفون قىلىش كېرەك، ئاندىن تۆۋەندىكىدەك جىددىي قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى قوللانسا بولىدۇ:

    سوغۇق لۆڭگە بىلەن بىمارنىڭ بېشىنى ئوراپ قويۇشقا بولىدۇ، قان تومۇرلىرى سوغۇق بىلەن ئۇچراشقاندا تارىيىدۇ، بۇنىڭدا چۈشۈۋاتقان قان مىقدارىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.

    بىمار چوڭ-كىچىك تەرىتىنى تۇتالمايدىغان بولۇپ قالسا، جايىدىلا تازىلاش كېرەك، بىمارنى خالىغانچە يۆتكەشكە بولمايدۇ، بولمىسا مېڭىگە قان چۈشۈش ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ.

    قۇتقۇزۇش ماشىنىسى كېلىشتىن بۇرۇن بىمار بوغۇلۇپ قالسا، ئېغىز بوشلۇقىنى تازىلاپ، سۈنئىي نەپەسلەندۈرۈش كېرەك.

    مېڭىگە قان چۈشۈش ئالامەتلىرىنى دەسلەپكى مەزگىلىدە بايقاش ئىنتايىن مۇھىم. مېڭىگە قان چۈشۈش ئالامەتلىرىگە دىققەت قىلغاندا، كېسەللىكنى بالدۇر بايقاشقا بولىدۇ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىمار ئۈستىدە داۋالاش ئېلىپ بارغاندا، كېسەللىك ئەھۋالىنى ۋاقتىدا كونترول قىلغىلى، مېڭىگە قان چۈشۈش سەۋەبلىك ئۆلۈپ كېتىش ياكى مېيىپ بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى