تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

ئەگەر مېڭىگە تۇيۇقسىز قان چۈشسە قانداق جىددىي قۇتقۇزۇش كېرەك؟ (1)

ماتېرىيال سۈرەت

    مېڭىگە قان چۈشۈشنى مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ، ئادەتتە بۇ كېسەلنىڭ يۈز بېرىشى تېز، داۋالاش ۋاقتى قىسقا بولىدۇ. گۇاڭجوۋ تېببىي داشۆسى شۆبە 2-دوختۇرخانىسى نېرۋا تاشقى كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى جى يۈنشياڭ مۇنداق دېدى: ئەگەر بىماردا مېڭىگە قان چۈشۈش ئەھۋالى كۆرۈلسە، دەرھال 120 جىددىي قۇتقۇزۇش نومۇرىغا تېلېفون قىلىش كېرەك، ئاندىن تۆۋەندىكىدەك جىددىي قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى قوللانسا بولىدۇ:

    بىمارنىڭ بېشىنى بىر تەرەپكە يانتۇ قىلىپ، بەدىنىنى تۈز قىلىپ ياتقۇزۇش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا بەلغەم، قۇسۇقلارنىڭ كانايغا كىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

    بىمارنىڭ ياقىسى ۋە تاسمىسىنى دەرھال بوشىتىش كېرەك، بۇنداق قىلىش بىمارنىڭ راۋان نەپەسلىنىشى ۋە ھاۋا ئۆتۈشۈشىگە پايدىلىق، ھاۋارايى ئەھۋالىغا ئاساسەن ئىسسىق ساقلاشقا ياكى بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىشكە دىققەت قىلىش كېرەك.

    ئەگەر بىمار ھوشسىزلانسا ھەمدە كۈچلۈك پۇشۇلدىغان ئاۋاز چىقارسا، بۇ تىل تۈۋىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، بۇ چاغدا قولياغلىق بىلەن بىمارنىڭ تىلىنى سىرتقا تارتىپ چىقىرىش كېرەك.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى