تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

مېڭىگە قان چۈشۈشنىڭ ئالامەتلىرى (2)

ماتېرىيال سۈرەت

    مېڭىگە قان چۈشۈشنى چۈشىنەمسىز؟ مۇخبىرنىڭ يېقىندا گۇاڭجۇ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 2-دوختۇرخانا نېرۋا تاشقى كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ئۇيۇشتۇرغان «مېڭىگە قان چۈشۈش كېسىلىنىڭ بالدۇر ئالدىنى ئېلىش» ساغلاملىق لېكسىيەسىدىن ئىگىلىشىچە، مەزكۇر بۆلۈمنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى جى يۈنشياڭ شەھەر ئاھالىلىرىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېگەن: كۈز ۋە قىش پەسلىدە مېڭىگە قان چۈشۈش كۆپ كۆرۈلىدۇ، تۆۋەندىكىدەك ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك:

    تەلەپپۇزى ئېنىق بولماسلىق. تەلەپپۇزى ئېنىق بولماسلىق، قان بېسىمى تۇراقسىز بولۇش ياكى مېڭە ئىقتىدارىدا كاشىلا كۆرۈلۈش — مېڭىگە قان چۈشۈش ياكى ئۆمۈچۈك تورسىمان پەردە تۆۋەنكى بوشلۇقىغا قان چۈشۈشنىڭ ئالامىتى ھېسابلىنىدۇ.

    باش قېيىشقا قوشۇلۇپ باش ئاغرىش. باش ئاغرىقى ئادەتتە مېڭە قانىغان تەرەپتە كۆرۈلىدۇ، باش سۆڭىكى ئىچكى بېسىمى ئۆرلىگەن چاغدا، ئاغرىق پۈتۈن باشقا تارقىلىدۇ، باش قېيىش ۋە باش ئاغرىش بىرلا ۋاقىتتا يۈز بېرىدۇ، قىسقا مەزگىللىك بىر قېتىم ياكى تەكرار ئاغرىيدۇ، ياكى تېخىمۇ ئېغىرلاپ كېتىدۇ.

    ئۇيقۇغا خۇمار بولۇپ، دائىم ئەسنەپلا يۈرۈش. مېڭىگە قان چۈشسە بىمارنىڭ مېڭە توقۇلمىلىرىدا تۆۋەن ئوكسىگېنلىق قان كېسىلى كۆرۈلۈپ، مېڭە ئىقتىدارى ئاسانلا توسالغۇغا ئۇچرايدۇ، شۇنىڭ بىلەن كۈندۈزدە ئۇيقۇ بېسىپ ئەسنەشتەك ئالامەت كۆرۈلىدۇ. بىمار بۇ خىل چارچاشنى يېتەرلىك ئۇخلاش ئارقىلىقمۇ ئۈنۈملۈك كونترول قىلالمايدۇ.

    كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىش، كۆرۈش دائىرىسىدە قىسقا مەزگىللىك كەمتۈكلۈك كۆرۈلۈش. چوڭ مېڭىدە قان ئازلاپ كەتسە، ياكى كۆرۈش تور پەردىسىنىڭ ئۇششاق قان نوكچىلىرىدىن ئېقىپ ئۆتسە، ئاسانلا ئوخشاش تەرەپ ئارتېرىيەسى ياكى كۆز ئارتېرىيەسىگە قان يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، بىماردا كۆزنىڭ كۆرۈش سېزىمى توسقۇنلۇققا ئۇچراش ئالامىتى پەيدا بولىدۇ، بۇ خىل ئەھۋال «بىر قېتىملىق ئەمالىق» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭدا بىمار تۇيۇقسىزلا نەرسىلەرنى ئېنىق كۆرەلمەيدۇ، ياكى نەرسىلەرنى مۇكەممەل كۆرەلمەيدۇ، نەرسىلەر كۆزىگە غۇۋا ھەم سايىلىنىپ كۆرۈنىدۇ، ئادەتتە بۇ ھالەت نەچچە مىنۇت داۋاملىشىپ ئاندىن نورماللىشىدۇ.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى