بۇ يىل 10-ئاينىڭ 29-كۈنى «ئامېرىكا مىدېتسىنا ژۇرنىلى . ئىچكى كېسەللىكلەر ئىلمى تومى»دا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بىر تۇغۇتتىن يەنە بىر قېتىملىق ھامىلىدارلىققىچە 12 ئايدىن 18 ئايغىچە ئارىلىق تاشلاش ئەڭ مۇۋاپىق ئىكەن.
كانادا بىرىتانىيە كولۇمبىيە داشۆسى بىلەن ئامېرىكا خارۋارد داشۆسى تەتقىقاتچىلىرى يېقىندا كانادادىكى 150 مىڭغا يېقىن ھامىلىدارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، تۇغۇپ بولۇپ ئالتە ئايدىن كېيىن يەنە ھامىلدار بولغان 35 ياشتىن يۇقىرى ئاياللارنىڭ قازا قىلىش ياكى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنىڭ %1.2 بولىدىغانلىقىنى، بىر تۇغۇتتىن يەنە بىر قېتىملىق ھامىلىدارلىققىچە بولغان ۋاقىتنى 18 ئاي تاشلىغانلارنىڭ %0.5 بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.
20 ياشتىن 34 ياشقىچە بولغان ئاياللارغا نىسىبەتەن، بىر تۇغۇتتىن يەنە بىر قېتىملىق ھامىلىدارلىققىچە بولغان ۋاقىت ئالتە ئاي بولسا، بالدۇر تۇغۇپ قويۇش خەتىرى %8.5، 18 ئاي بولسا %3.7 بولىدىكەن.
تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، بىر تۇغۇتتىن يەنە بىر قېتىملىق ھامىلىدارلىققىچە بولغان ۋاقىت 12 ئايدىن 18 ئايغىچە بولسا ئەڭ مۇۋاپىق ئىكەن، بۇ تەتقىقات چوڭ ياشتىكى ھامىلىدارلارغا نىسبەتەن تېخىمۇ مۇھىم ئىكەن.
ــ خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى