تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

بايىنغولىن ئوبلاستى: 40 نەچچە تۈرلۈك سىياسەت، تەدبىر ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا ياردەم بەردى

  شىنجاڭ گېزىتى بايىنغولىن مۇخبىرلار پونكىتىدىن جوۋ خەيشيا خەۋەر قىلىدۇ: 10–ئاينىڭ 24–كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بۈگۈر ناھىيەسى سوخۇ يېزىسى كۆكچول كەنتىنىڭ ئاھالىسى ئايگۈل ئەخمەت بالىسىغا تاماق ئېتىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆيىدە تىككۈچىلىك تېخنىكىسىنى مەشىق قىلدى.

     ئايگۈل مۇنداق دېدى: ئىلگىرى تېلېۋىزوردا باشقىلارنىڭ پاكىز ئىش كىيىمى كىيىپ، ۋاقتىدا ئىشقا بېرىپ، ئىشتىن چۈشۈپ، ئايدا مائاش ئالىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ناھايىتى ھەۋەس قىلاتتىم. ئويلىمىغان يەردىن، مەنمۇ ئىشچى بولىدىغان بولدۇم.

  يېرىم كۈن مەشىق قىلغاندىن كېيىن، ئايگۈل كەنت بېشىغا باردى، بىر قاتار رەتلىك زاۋۇت ئۆيلىرى كەنتتىكى نامراتلارنى يۆلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بازىسى ئىدى، ئەڭ شەرق تەرەپتىكى ئىككى ئېغىز ئۆي تىككۈچىلىك زاۋۇتى بولۇپ، ئىچىگە تىككۈچىلىك ماشىنىسى، تورلاش ماشىنىسى قاتارلىق يېپيېڭى ماشىنىلار رەتلىك قويۇلغانىدى، بۇ، ئايگۈل بۇنىڭدىن كېيىن ئىشلەيدىغان جاي ئىدى. ئايگۈلنىڭ قارىشىچە، بۇ يەنە ئۇنىڭ كىشىلىك ھاياتىدىكى يېڭى پەللە ئىدى.

  كەنت كادىرى مەۋلان ئوبۇل مۇنداق دېدى: نامراتلارنى يۆلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بازىسى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، 30دىن ئارتۇق ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغىلى بولىدۇ، كەنت ئاھالىلىرى بۇ بازىنىڭ بالدۇرراق پۈتۈشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتمەكتە.

  كۆكچول كەنتى چەت، يىراققا جايلاشقان، بۇ يىل شۇ جايدىكى ھەر دەرىجىلىك مالىيە 1 مىليون 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، كەنتتە نامراتلارنى يۆلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بازىسى قۇردى، بۈگۈر ناھىيەسى شىڭبو كىيىم–كېچەك شىركىتىنىڭ يېتەكلىشىگە تايىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ئىشىك ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرىدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت ‹‹2016–يىلىدىن 2017–يىلىغىچە بولغان ئىككى يىلدا ئۆتكەلگە مەركەزلىك ھۇجۇم قىلىش، 2018–يىلىدىن—2020–يىلىغىچە بولغان ئۈچ يىلدا مۇستەھكەملەپ ئۆستۈرۈش›› نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يىلغا ئايرىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ۋاقىت جەدۋىلى، مەسئۇلىيەتنامە، يول خەرىتىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ‹‹ئون چوڭ مەخسۇس ھەرىكەتنى يولغا قويۇش لايىھەسى››، ‹‹نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇش پىكرى››، ‹‹پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش››، ‹‹<ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش> بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنتنى ھۆددىگە ئېلىپ، ئاھالىلەر بىلەن ئالاقە باغلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش››، ‹‹نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى <يەتتە بىر تۈركۈم> بىلەن ھۆددىگە ئالغان كەنت، ئالاقە باغلىغان ئاھالىلەرنى تولۇق قاپلاش››، ‹‹<تولۇقلىمىنىڭ ئورنىغا مۇكاپات بېرىپ>، كەسىپ ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ نامراتلارنى يۆلەشنى ئالغا سىلجىتىش››، جەمئىيەت نامراتلارنى يۆلەش، داۋالىنىشنى كاپالەتلەندۈرۈش، مائارىپقا ياردەم بېرىشنى كۈچەيتىش قاتارلىق 40 نەچچە تۈرلۈك سىياسەت، تەدبىرنى يانداش تۈزۈپ چىقتى.

  بايىنغولىن ئوبلاستى ساھە، تارماقلارنىڭ سىياسەت، تۈر، مەبلەغ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ساياھەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، مۈلۈك پايدىسى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ۋە باشقا جايغا كۆچۈرۈپ نامراتلارنى يۆلەشنى كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىپ، مەبلەغ، تۈر، سىياسەت قاتارلىقلارنىڭ نامرات كەنت، نامرات ئاھالىگە مەركەزلىشىشىگە تۈرتكە بولدى. ‹‹100 كارخانا 100 كەنتكە ياردەم بېرىش›› ۋە نۇقتا بەلگىلەپ نامرات كەنتلەرنى يۆلەش پائالىيىتىنى پائال تەشكىللەپ قانات يايدۇردى.

  بايىنغولىن ئوبلاستى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تۇتقا قىلىپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس مەبلىغىدىن 87 مىليون يۈەن غەملەپ ۋە ئاجرىتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئالاھىدە ئىش ئورنىدىن 4277نى ياراتتى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئۈچ چاقلىق توكسىكلىتىدىن 1100نى تارقاتتى، 17 مىڭ نامرات ئەمگەكچى(قېتىم)نى ماھارەت تەربىيەسىگە تەشكىللىدى، 3786 ئادەمنى كارخانىغا يۆتكەپ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، يېزا ئىقتىساد ئەمەلىي گەۋدىسى، ھەمراھ زاۋۇت، نامراتلارنى يۆلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بازىسى، نامراتلارنى يۆلەش سېخىدىن 165نى يۆلىدى، بۇنىڭ بىلەن يېزىدىن ئايرىلىشقا ئامالى يوق، يۆلەيدىغان كەسىپ يوق، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا كۈچى يوق بولغان ‹‹ئۈچ يوق›› نامرات ئائىلىدىكى ئەمگەكچىلەر يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، نامراتلارنى يۆلەشنى ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش، ئەقلىي جەھەتتىن يۆلەش بىلەن ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، نامرات ئاممىنى ‹‹مېنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇر›› دېگەن قاراشنى ‹‹مەن نامراتلىقتىن قۇتۇلىمەن›› دەيدىغان قاراشقا ئۆزگەرتىشكە پائال يېتەكلىدى.

  نامراتلارنى يۆلەش ئوبيېكتلىرىنى ھەرىكەتچان باشقۇرۇش ۋە ئۇچۇر سانلىق مەلۇماتلىرىنى قايتا سېلىشتۇرۇش خىزمىتى ئارقىلىق، 2014–يىلىدىن 2017–يىلىغىچە بايىنغولىن ئوبلاستى جەمئىي 28 مىڭ 920 ئائىلىدىكى 82 مىڭ 388 ئادەمنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردى، 38 نامرات كەنتنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى