تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كۆكەرتىش يېڭى ئىدىيەسى: دەرەخلەر ئەڭ ئېگىزدە تۇرسۇن

كۆچەتنى تاغ چوققىسىدىن باشلاپ تىكىش، ئەڭ قىيىن يەردىن باشلاپ تىكىش

    10–ئاينىڭ 26–كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شىمىگۇ رايونى ئورگان كادىرلىرى، قوشماقلاشقان تۇغقانلار، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى قاتارلىقلاردىن بولۇپ 2000 دىن ئارتۇق ئادەمنى تەشكىللەپ، كۈز پەسىللىك مەجبۇرىيەت كۆچىتى تىكىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. سۈرەتتە: ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شىمىگۇ رايونى سانائەت رايونىدا كۆچەت تىكمەكتە.
(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئازات يۈسۈپجان فوتوسى)

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇ لۇپىڭ 10–ئاينىڭ 26–كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان رايونىدىكى جەنۇبىي قارلىغاچلىق قاقاس تېغىدا، پىدائىيلار ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ، كۆچەتلەرنى يانتۇلۇق دەرىجىسى يۇقىرىراق پەلەمپەيسىمان رايونلارغا تىكىۋاتاتتى ھەم تېخنىكلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە، سۇنىڭ ئويماننى بويلاپ ئېقىشىغا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن، بىر قاتاردىكى ئىككى دەرەخ ئوتتۇرىسىغا بىردىن ئورەك كولاۋاتاتتى. كۆپ قېتىم خالىس كۆچەت تىكىشكە قاتناشقان پىدائىي شۈ لى ماڭا: ئىلگىرى تاغ باغرىغا كۆچەت تىككەن ئىدۇق، بۇ قېتىمقىسى تۇنجى قېتىم تاغ چوققىسىغا كۆچەت تىكىشىمىز بولۇپ، تىككەن ھەربىر تۈپ كۆچەتكە تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىندى، دېدى. بۇ، پىدائىيلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەسىراتى.

  ئۈرۈمچى شەھەر رايونىنىڭ ئۈچ ئەتراپىنى تاغ ئوراپ تۇرغان بولۇپ، تاغ چوققىلىرىنىڭ تاقىر بولۇشى ئۈرۈمچىدە قۇم–بوراننىڭ قاتتىق بولۇشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى. تاغ چوققىسىدىكى تۇپراق قاتلىمى ئۈنۈمسىز، مەنبەلىك سۇ كەمچىل، ئېكولوگىيەنىڭ كۆتۈرۈش ئىقتىدارى ئاجىز. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈرۈمچى ئىزچىل قاقاس تاغلارنى كۆكەرتىپ كەلگەن بولسىمۇ، تۈرلۈك ئامىللارنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن كۆچەت تىكىشتە تاغ چوققىسىنى قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلمىغانىدى.

  ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئىشلەپچىقىرىش شەكلى، تۇرمۇش شەكلى، تەپەككۇر شەكلى ۋە قىممەت قارىشىغا چېتىلىدىغان بىر مەيدان ئىنقىلاب خاراكتېرلىك ئۆزگەرتىش. يېڭىلىق يارىتىش، ماس بولۇش، يېشىل بولۇش، ئوچۇق بولۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، بايلىق تېجەيدىغان ۋە مۇھىتنى ئاسرايدىغان ئىشلەپچىقىرىش شەكلىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن 2017–يىلى 9–ئايدا، ئۈرۈمچى شەھىرى ‹‹دەرەخنى تاغقا تىكىش›› قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك باشلىدى، شەھەرلىك پارتكوم ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەت ‹‹تاغ چوققىسىدىن باشلاپ تىكىش، ئەڭ قىيىن يەردىن باشلاپ تىكىش››تەك يېڭى ئىدىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، داۋاملىق كۈچەپ، ئۇزاققىچە تىرىشىپ، كىچىك ئىشلاردا غەلىبە قىلىش ئارقىلىق چوڭ ئىشلاردا غەلىبە قىلىپ، يامالىق تېغى، جەنۇبىي قارلىغاچلىق قاقاس تېغى، ۋېنشيۇشەن تېغى قاتارلىق 19 تاقىر تاغ چوققىلىرىنى تەدرىجىي يېشىللىققا پۈركەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇنىڭ قۇمنى، چاڭ–توزاننى مۇقىملاشتۇرۇش، مۇھىتنى ياخشىلاش، شەھەرنى گۈزەللەشتۈرۈشتىكى رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇشنى قارار قىلدى.

  ‹‹كۆچەتنى تاغقا تىكىش›› قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان ھەر مىللەت شەھەر ئاھالىلىرى كۆچەت تىكىپ، كۆكەرتىشنى تېزلەتتى، ھازىرغا قەدەر ئۈرۈمچى شەھىرى بۇ يىللىق ‹‹كۆچەتنى تاغقا تىكىش›› قۇرۇلۇشىنىڭ 20 مىڭ مو كۆچەت تىكىش ۋەزىپىسىنى ئاساسەن ئورۇنداپ بولدى.

  تاغ چوققىسىغا كۆچەت تىكىش ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس. ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى رايونلار، ناھىيە ‹‹كۆچەتنى تاغقا تىكىش›› كۆكەرتىش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى قۇرۇپ، مەبلەغ، ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچكە كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ بىرىنچى قول رەھبىرى بىرىنچى مەسئۇللۇقنى ئۈستىگە ئېلىپ، خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولدى، قىيىن ئۆتكەللەرنى بىر–بىرلەپ يەڭدى.

  تاغ چوققىسىدا كۆچەت تەستە تۇتىدۇ، بۇنىڭدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەب دەل سۇنىڭ كەمچىل بولغانلىقىدا. ھەربىر تاغ چوققىسىنى يېشىللىققا پۈركەش ئۈچۈن ئالدى بىلەن سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق ئورمانچىلىق–باغۋەنچىلىك باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىنژېنېرى شۈ تۇڭ مۇنداق دېدى: سۇ پومپىسى پونكىتى قۇرۇپ، سۇنى تاغقا باشلىدۇق.

  ئىلگىرى يامالىق تېغىدىكى كۆكەرتىش كۆلىمى پۈتۈنلەي ئېقىن سۇغا تايىنىپ سۇغىرىلغان بولۇپ، سۇنى تاغ چوققىسىغا چىقارغىلى بولمايتتى. 2017–يىلى 11–ئايدا، ئەسلىدىكى سۇ كۆلچىكى ئاساسىدا سايباغ رايونى يامالىق تېغىدا يېڭىدىن ئىككى سۇ پومپىسى پونكىتى قۇردى. شۈ تۇڭ بىلەن ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى ھەمدە قۇرۇلۇش قىلغۇچى تەرەپنىڭ قۇرغۇچىلىرى بىر قىش قاتتىق سوغۇققا قارىماي ئالدى تاغ سۇ پومپىسى پونكىتىنى قۇرۇپ ھەم ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى ۋە يول قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ، تېمىتىپ سۇغىرىشقا ئىشلىتىدىغان سۇ تۇرۇبا لىنىيەسىنى تاغ چوققىسىغىچە ياتقۇزۇپ، نېيترال سۇنى تاغ چوققىسىغا يەتكۈزۈپ، بۇ يىل تاغ چوققىسىغا تىكىلگەن كۆچەتلەرنىڭ تۇتۇش نىسبىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئارقا تاغدىكى سۇ پومپىسى پونكىتىمۇ پۈتۈپ، يامالىق تېغىدا يۇقىرى، ئوتتۇرا، تۆۋەن بېسىملىق نېيترال سۇ بىلەن تېمىتىپ سۇغىرىش سىستېمىسى شەكىللىنىپ، بارلىق كۆكەرتىش كۆلىمىنى قاپلىدى.

  بۇ يىل يامالىق تېغىدا 10 مىڭ مو كۆچەت تىكىش ۋەزىپىسى ئورۇندىلىپ بولغان بولسىمۇ، شۈ تۇڭ ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى ئەتىدىن كەچكىچە تاغدا ‹‹قاتراپ››، يوچۇقلارنى تەكشۈرۈپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، كۈزدە دەرەخلەرنى پەرۋىش قىلىش ھەم كېلەر يىلى ئەتىيازدىكى كۆچەت تىكىش يىرىك پىلانىنى ياخشى تۈزۈش ۋە ياخشى تەييارلىق قىلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. شۈ تۇڭ مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى كۈندە كۆچەت تىكىشتە، تەييارلىق قىلىشتىن پەرۋىش قىلىشقىچە يىل بويى دەم ئالغىلى بولمايدۇ. بۇ ئىشتا تېخنىكىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش زۆرۈر بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ‹‹كۆچەتنى تاغقا تىكىش››كە قاتناشقانلارنىڭ ئىرادىسىنى سىناشقا توغرا كېلىدۇ. يامالىق تېغى چوققىسىدا كۆچەت تىكىش تىلغا ئېلىنغاندا، شۈ تۇڭ چوڭقۇر ھاياجان بىلەن مۇنداق دېدى: تاغ يېرى قاتتىق، يەر شەكلى تىك، كۆكەرتىش شارائىتى ناچار بولغاچقا، تاغقا توپا يۈدۈپ چىقىپ كۆچەت تىكتۇق.

  يامالىق تېغىدىن يىراققا نەزەر تاشلايدىغان بولسىڭىز، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان رايونىدىكى جەنۇبىي قارلىغاچلىق قاقاس تېغىدىكى ‹‹كۆچەتنى تاغقا تىكىش›› قۇرۇلۇشىنىڭ قالتىس قىزىپ كەتكەنلىكىنى كۆرىسىز. ھازىرغا قەدەر شەھەر بويىچە جەنۇبىي قارلىغاچلىق قاقاس تېغىغا خالىس كۆچەت تىكىشكە 160 مىڭ ئادەم(قېتىم) قاتناشتى.

  تىيانشان رايونلۇق ئورمانچىلىق–باغۋەنچىلىك باشقۇرۇش ئىدارىسى كۆكەرتىش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى فۇ يوۋخەي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: جەنۇبىي قارلىغاچلىق قاقاس تېغى ئىلگىرى شېغىل مەيدانى بولۇپ، تاغ گەۋدىسى خېلى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغان، تاشلىق يەر ئىدى. تاغلار تىك، تاغ ئۈستىدە شامال كۈچلۈك بولۇپ، دەرەخ تىكىدىغان ئورەك قېزىش، دەرەخ تىكىدىغان توپىلارنى ئالماشتۇرۇش قۇرۇلۇشنىڭ قىيىن نۇقتىسى ئىدى. كۆپ قىسىم جايلارنى ماشىنا بىلەن كولاپ، كۆچەت تىكىدىغان سۇپا ياساپ، تۈزلەپ، پەلەمپەيسىمان قىلدۇق.

  فۇ يوۋخەي مۇنداق دېدى: بىر قېزىش ماشىنىسى بىر كۈندە ئادەتتىكى تاغدا 800 مېتىر يەرنى قازالايدۇ، جەنۇبىي قارلىغاچلىق قاقاس تېغىدا ئىككى قېزىش ماشىنىسى بىر كۈندە ئاران 200 مېتىر ئەتراپىدا يەرنى قازدى، چوڭ تىپتىكى ماشىنىلار قۇرۇلۇش قىلالمايدىغان جايلاردا ئۈشكىدە ئورەك كولاپ، ئازگال قازدۇق، بىر ئادەم كۈندە ئاران 20 مېتىر قازالىدۇق، بىر قىسىم جايلاردا بىر كۈندە ئاران ئۈچ مېتىر قازالىدۇق. توپىلارنى ۋۇجياچۈ، ساڭفاڭگۇ قاتارلىق جايلاردىن يۆتكەشكە توغرا كەلدى. يەنە ئوخشىمىغان يەر شەكلىگە ئاساسەن توپىدا كۆمۈش ئۇسۇلى، پەلەمپەي ياساش ئۇسۇلى، يۇمىلاق ئورەك كولاش ئۇسۇلى، تام سېلىش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى قوللىنىپ كۆچەت تىكتۇق.

  شۈ تۇڭ مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچىدىكى تاقىر تاغلارنىڭ ھەممىسى كۆكەرتىلگەن شۇ كۈننىڭ كېلىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتىمىز، يېقىن كەلگۈسىدە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئېلىپ كېلىدىغان پايدىنى كۈتۈۋاتىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى