تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

بايرىقىم روشەن ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› كە قارشى كۈرەش قىلىمەن

  گۇچۇڭ ناھىيەسى داچۈەن تاتار يېزىسىنىڭ مۇئاۋىن يېزا باشلىقى ۋاڭ ۋېنتاۋ

  مەن بىر خۇيزۇ پارتىيەلىك كادىر، كۆپ مىللەتلىك چوڭ ئائىلىدە ئۆسۈپ يېتىلدىم، مېنىڭ بوۋام خۇيزۇ، مومام قازاق، يەڭگەم ئۇيغۇر، يېزنەم خەنزۇ. مۇشۇنداق بىر مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى ئائىلىسىدە ئۆسۈپ يېتىلگىنىمدىن ئۆزۈمنى چەكسىز بەختلىك ھېس قىلىمەن. 2016 – يىلى، مەن ئون يىل مۇھەببەتلەشكەن خەنزۇ قىز دوستۇم بىلەن توي قىلىپ، بەختلىك ئائىلەمنى قۇردۇم. مەن تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، مېنى بېقىپ چوڭ قىلغان يۇرتۇمنى چوڭقۇر سۆيىمەن، دەل مۇشۇ سۆيگۈم سەۋەبىدىن، 2011 – يىلى داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، مەمۇرلۇق ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ، يۇرتۇم گۇچۇڭغا قايتىپ خىزمەت قىلدىم.

  مېنىڭ بالىلىق چاغلىرىمدىكى ئەسلىمەمدە ھەر مىللەت ئاكا – ئۇكا، ئاچا – سىڭىللارنىڭ تۇرمۇشى گەرچە ئانچە باياشات بولمىسىمۇ، بىراق كىشىلەر خۇشال – خۇراملىق ئىچىدە بىللە ياشايتتى، ئەتراپىمدىكى ھەر مىللەت دوستلىرىم سېنىڭ – مېنىڭ دېيىشمەي، بىللە تاماق يەپ، بىللە ئۆگىنىپ، بىللە ئويناپ، خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتەتتى. بىراق يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› جىنايى رەزىل قولىنى بىزنىڭ بەختلىك، ئىناق تۇرمۇشىمىزغا سوزدى، ئۇلار مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە قۇتراتقۇلۇق قىلىپ، مىللىي زىددىيەت پەيدا قىلىپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، ھەر مىللەت قېرىنداشلارنىڭ ئىناق، بەختلىك تۇرمۇشىغا قارا كۆلەڭگە چۈشۈردى. پارتىيە كۆپ يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قاتتىق نەپرەتلىنىمەن. مېنىڭ ئۆز خىزمەت ئورنۇمدا بازىنى ياخشى ساقلاپ، پارتىيە تەشكىلىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، مەيدانىم مۇستەھكەم، بايرىقىم روشەن ھالدا، ۋەتەننى پارچىلاشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنغان، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلغان ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى كۈرەش قىلىش، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› بىلەن ئۆزئارا تىل بىرىكتۈرۈپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ مۇھاپىزەت كۈنلۈكى بولغان، ئالدىدا بىر خىل، كەينىدە بىر خىل بولغان ئاشۇ ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى كۈرەش قىلىش مەسئۇلىيىتىم بار.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت››ىنى ئۇدا ئېتىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ ھەيۋىسىنى يەرگە ئۇردى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋەزىيىتى سىجىل ياخشىلىنىپ، كىشىلەر قەلبىنى چەكسىز خۇشاللىققا چۆمدۈردى. ھەر مىللەت قېرىنداشلار مۇقىملىق ئېلىپ كەلگەن پايدىدىن تولۇق بەھرىلىنىش بىلەن بىللە، يەنە شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدىكى، پەقەت پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قەتئىي قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بەرگەندىلا، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى بولىدۇ، ھەر مىللەت ئامما ئاندىن خاتىرجەم، ئىتتىپاق، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرەلەيدۇ.

  ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ھەر ۋاقىت ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى زىممەمگە ئېلىپ، ھەرىكىتىمدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمىتىمنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ۋە كۆزلەش نۇقتىسىنى باش نىشانغا قويۇپ، چوڭ ھەق – چوڭ ناھەق مەسىلىلىرى ئالدىدا، مەيدانىم مۇستەھكەم، بايرىقىم روشەن، سۆز – ھەرىكىتىم بىردەك بولۇشنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرىمەن، سىياسىي سەزگۈرلۈكۈم ۋە سىياسىي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىمنى ھەر ۋاقىت ساقلاپ، بارلىق بىخۇدلۇق ۋە بوشاڭلىق ئىدىيەلىرىنى قەتئىي تۈگىتىپ، خاتا ئىدىيەنىڭ چىرىتىشىگە قەتئىي تاقابىل تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاممىۋى خىزمەتنى كەم – كوتسىز ياخشى ئىشلەپ، بولۇپمۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ تۈرلۈك ۋەزىپىلىرىنى چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ مۇقەددەس بۇرچىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى