تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەشۋىقات–ئىدىيە خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتايلى

  ——ئاپتونوم رايونلۇق تەشۋىقات–ئىدىيە خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (1)

  گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

  بىر مىللەتنىڭ گۈللىنىشىدىكى ئاچقۇچ روھتا. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، پارتىيەمىزنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن ئىستراتېگىيەلىك نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشى ئىشەنچنى مۇستەھكەملەش، جەڭگىۋارلىقنى ئۇرغۇتۇشقا تېخىمۇ موھتاج، بىر مەقسەتتە بولۇش، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا تېخىمۇ موھتاج.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك تەشۋىقات–ئىدىيە خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيەنىڭ تەشۋىقات–ئىدىيە خىزمىتىنىڭ تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە تارىخىي ئۆزگىرىشلىرىنى چوڭقۇر خۇلاسىلەپ، پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى تەشۋىقات–ئىدىيە خىزمىتىنىڭ تارىخىي ئورنى ۋە بۇرچى، ۋەزىپىسىنى چوڭقۇر شەرھلىدى، بىر قاتار يۆنىلىش خاراكتېرلىك، تۈپ خاراكتېرلىك، ئومۇمىيەت خاراكتېرلىك، ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم، زور مەسىلىلەرگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىپ، پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى تەشۋىقات–ئىدىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، ئۇ، پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى تەشۋىقات–ئىدىيە خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت.

  بۇ قېتىمقى ئاپتونوم رايونلۇق تەشۋىقات–ئىدىيە خىزمىتى يىغىنىدا، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19–قۇرۇلتىيى روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، مەملىكەتلىك تەشۋىقات–ئىدىيە خىزمىتى يىغىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئاپتونوم رايونىمىز تەشۋىقات–ئىدىيە خىزمىتىدە دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت، ۋەزىپىلەر تەھلىل قىلىنىپ، مۇزاكىرە قىلىنىپ، نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەشۋىقات–ئىدىيە خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىدىيە كاپالىتى، مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، جامائەت پىكرى مەدىتى ۋە مەدەنىيەت شارائىتى بىلەن تەمىنلەشتە مۇھىم ھەم چوڭقۇر، ئۇزاق ئەھمىيەتكە ئىگە.

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەشۋىقات–ئىدىيە خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتا، چوقۇم دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش شەرت. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەشۋىقات–ئىدىيە خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىگىلىشىمىز، باش شۇجىنىڭ پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى تەشۋىقات–ئىدىيە خىزمىتىنىڭ تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە تارىخىي ئۆزگىرىشلىرى توغرىسىدىكى سىستېمىلىق خۇلاسىسىنى چوڭقۇر ئىگىلىشىمىز، باش شۇجىنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى تەشۋىقات–ئىدىيە خىزمىتىنىڭ بۇرچى ۋە ۋەزىپىسى توغرىسىدىكى مۇپەسسەل بايانىنى چوڭقۇر ئىگىلىشىمىز، باش شۇجىنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى تەشۋىقات–ئىدىيە خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەر توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىگىلىشىمىز، باش شۇجىنىڭ پارتىيەنىڭ تەشۋىقات–ئىدىيە خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنى چوڭقۇر ئىگىلىشىمىز، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى كۈچەيتىشىمىز، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئاڭلىقلىق ۋە قەتئىيلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىشىمىز، خىزمەتنىڭ پىرىنسىپاللىقى، سىستېمىلىقلىقى، ئالدىن كۆرەرلىكلىكى، ئىجادچانلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋر، يېڭى تەلەپكە تېخىمۇ ياخشى لايىقلىشىشىمىز، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلىشىمىز كېرەك.

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەشۋىقات–ئىدىيە خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتا، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، قەتئىي، كەسكىن تۈردە شىنجاڭنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز شەرت. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى ھۆكۈمى ئىنتايىن توغرا، ئىنتايىن ئىلمىي بولغان. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ئېگىزدە تۇرۇپ يىراقنى كۆرگەنلىك، دانالىق ۋە ئاقىلانىلىك. بىز جەزمەن باش شۇجىنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ۋە سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى باشتىن–ئاخىر ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى باش شۇجىنىڭ شىنجاڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى ئىلمىي ھۆكۈمىگە بىرلىككە كەلتۈرۈشىمىز، كۈلپەت ئېڭى، خەۋپ–خەتەر ئېڭىنى داۋاملىق كۈچەيتىشىمىز، ھەر ۋاقىت ئاگاھ سىگنالىنى ياڭرىتىپ، دائىم ھوشيار تۇرۇپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇشنى بىر دەقىقىمۇ بوشاشتۇرۇپ قويماي، قەتئىي، كەسكىن تۈردە ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەشۋىقات–ئىدىيە خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتا، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى تەشۋىقات–ئىدىيە خىزمىتىنىڭ بۇرچى، ۋەزىپىسىنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىش شەرت. ‹‹بايراقنى كۆتۈرۈش، ئەلرايىنى مۇجەسسەملەش، يېڭى كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئوبرازنى نامايان قىلىش›› يېڭى ۋەزىيەتتىكى تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتىنىڭ شەرەپلىك مەسئۇلىيىتى، يېڭى تارىخىي پەللىدە تەشۋىقات–ئىدىيە خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنىڭ تۈپ تەلىپى، بىز قەتئىي تەۋرەنمەي بايراقنى كۆتۈرۈشىمىز، قەتئىي تەۋرەنمەي ئەلرايىنى مۇجەسسەملىشىمىز، قەتئىي تەۋرەنمەي يېڭى كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈشىمىز، قەتئىي تەۋرەنمەي مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈشىمىز، قەتئىي تەۋرەنمەي ئوبرازنى نامايان قىلىشىمىز، قەتئىي، كەسكىن تۈردە يېڭى ۋەزىيەتتىكى تەشۋىقات–ئىدىيە خىزمىتىنىڭ بۇرچى، ۋەزىپىسىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز، دەۋرگە مۇناسىپ نەتىجە يارىتىشىمىز كېرەك.

    يېڭى دەۋردە تەشۋىقات–ئىدىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى مۇھىم، زور، بۇرچى شەرەپلىك، بىز ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بىر مەقسەتتە بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەشۋىقات–ئىدىيە خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئىتتىپاق–ئىناق، ئاۋات–باي، مەدەنىي–ئالغا باسقان، خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشايلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى