كورلا مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ ئۇسسۇل ئارتىسلىرى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى ساياھەتچىلەرگە نومۇر ئورۇندىماقتا.
ئۆز خەۋىرىمىز: ئالتۇن كۈزدىكى 10-ئايدا، توغراقلار ئالتۇن رەڭگە كىردى. كورلا شەھىرى پۇخۈي دېھقانچىلىق مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن «2018-يىللىق جۇڭگو يىپەك يولى • كورلا نەشپۈت بايرىمى» تېمىسىدىكى كۈزدە توغراقتىن، قىشتا ئاققۇدىن ھۇزۇرلىنىش فوتو سۈرەت مۇسابىقىسى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى رەسمىي باشلاندى، پائالىيەت نەق مەيدانىدىكى تۈرلەر مول بولۇپ، نەپىس ئىشلەنگەن دېھقانلار قول ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى، مەززىلىك، كىشىنىڭ ئىشتىھاسىنى ئاچىدىغان ئۆزگىچە تائاملار ۋە نادىر ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرى ساياھەتچىلەرنىڭ توغراق مەنزىرسىدىن ھۇزۇرلىنىشىغا تېخىمۇ كۆپ مەزمۇن قوشتى.