تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئەخلاق تەربىيە

بالىلارغا سەككىز ئىشنى بالدۇر قىلغۇزماڭ (8)

ماتېرىيال سۈرەت

    نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ ياراملىق ئادەم بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۇلار بالا تەربىيەلەش جەريانىدا ئۈزلۈكسىز «سۈرئەت ئاشۇرۇپ»، بالىنىڭ ئوخشاش ياشتىكىلەردىن ئېشىپ چۈشۈشى ئۈچۈن، يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى ئامال بار بالدۇرراق بايقاشنى ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە، بالىنىڭ ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشتە چوقۇم «مۇۋاپىق ياشتا مۇۋاپىق ئىش قىلدۇرۇش» قا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئەگەر ئۆسۈپ يېتىلىش قانۇنىيىتىگە خىلاپلىق قىلغاندا، بالىلارنىڭ يۈكى ئېغىرلاپلا قالماي، ھەتتا ئۇلارنىڭ سالامەتلىكى تەسىرگە ئۇچرىشى مۇمكىن.

    يەتتە يېشىدا چاقلىق كانكى تېيىلىشنى ئۆگىتىشكە بولىدۇ. چاقلىق كانكى تېيىلىشتا ئىككى پۇت ئۇچرىغان كۈچ تەكشى بولمىسا، بالىلارنىڭ سۆڭىكىنىڭ يېتىلىشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ. كانكى تېيىلىغاندا بەل، تىز، ئوشۇق بەدەننى كۈچەپ تىرەپ تۇرىدۇ، ئەگەر بۇ چاغدا كۈچنى توغرا ئىشلەتمىگەندە بەل، تىز، ئوشۇق زەخمىلىنىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن، بالا ئالتە ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن كانكى تېيىلىسا مۇۋاپىق. كانكى تېيىلىغاندا بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىشى، قوغدىنىش جابدۇقلىرىنى ياخشى تاقىشى كېرەك.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئۈرۈمچىدە قار تېيىلىش سورۇنلىرى تىجارەت باشلىدى
  • چاغانتوقاي ناھىيەسىدە چارۋىلار قىشلىق چارۋىچىلىق مەيدانىغا كۆچۈرۈلدى
  • جامبۇلاق تۇنجى نۆۋەتلىك قار-مۇز بايرىمى پىيادە مېڭىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى