تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئەخلاق تەربىيە

بالىلارغا سەككىز ئىشنى بالدۇر قىلغۇزماڭ (7)

ماتېرىيال سۈرەت

    نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ ياراملىق ئادەم بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۇلار بالا تەربىيەلەش جەريانىدا ئۈزلۈكسىز «سۈرئەت ئاشۇرۇپ»، بالىنىڭ ئوخشاش ياشتىكىلەردىن ئېشىپ چۈشۈشى ئۈچۈن، يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى ئامال بار بالدۇرراق بايقاشنى ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە، بالىنىڭ ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشتە چوقۇم «مۇۋاپىق ياشتا مۇۋاپىق ئىش قىلدۇرۇش» قا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئەگەر ئۆسۈپ يېتىلىش قانۇنىيىتىگە خىلاپلىق قىلغاندا، بالىلارنىڭ يۈكى ئېغىرلاپلا قالماي، ھەتتا ئۇلارنىڭ سالامەتلىكى تەسىرگە ئۇچرىشى مۇمكىن.

    ئالتە ياش ئەتراپىدا ئوڭ-سولنى ئايرىشنى ئۆگىتىش. چەت ئەلنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، بالىلار ئالتە ياشقا كىرگەندە ئوڭ-سولنى ئايرىش ئويۇنلىرىنى ئويناشنى باشلىسا بولىدىكەن. ئەمما دۆلىتىمىزدە بالىلار 26 ئايلىق بولغاندىلا چوكا تۇتۇپ تاماق يەيدىغان بولغاچقا ئوڭ قولىنى بىلەلەيدۇ. ئوڭ-سول ئايىغىنى ئايرىشنى كۆپ قىسىم بالىلار 33 ئايلىق بولغاندا بىلەلەيدۇ. ئەگەر بالىغا ئوڭ-سولنى ئايرىشنى بەك بالدۇر ئۆگەتكەندە، بالا بۇنى پەقەت مېخانىكىلىق ئەستە قالدۇرۇۋېلىپ، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن  ئۇنتۇپ قالىدۇ.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئۈرۈمچىدە قار تېيىلىش سورۇنلىرى تىجارەت باشلىدى
  • چاغانتوقاي ناھىيەسىدە چارۋىلار قىشلىق چارۋىچىلىق مەيدانىغا كۆچۈرۈلدى
  • جامبۇلاق تۇنجى نۆۋەتلىك قار-مۇز بايرىمى پىيادە مېڭىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى