تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئەخلاق تەربىيە

بالىلارغا سەككىز ئىشنى بالدۇر قىلغۇزماڭ (6)

ماتېرىيال سۈرەت

    نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ ياراملىق ئادەم بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۇلار بالا تەربىيەلەش جەريانىدا ئۈزلۈكسىز «سۈرئەت ئاشۇرۇپ»، بالىنىڭ ئوخشاش ياشتىكىلەردىن ئېشىپ چۈشۈشى ئۈچۈن، يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى ئامال بار بالدۇرراق بايقاشنى ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە، بالىنىڭ ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشتە چوقۇم «مۇۋاپىق ياشتا مۇۋاپىق ئىش قىلدۇرۇش» قا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئەگەر ئۆسۈپ يېتىلىش قانۇنىيىتىگە خىلاپلىق قىلغاندا، بالىلارنىڭ يۈكى ئېغىرلاپلا قالماي، ھەتتا ئۇلارنىڭ سالامەتلىكى تەسىرگە ئۇچرىشى مۇمكىن.

    بەش، ئالتە ياشتا ۋېلىسىپىت مىنسە بولىدۇ. بالىلارنىڭ سۆڭىكى يۇمشاق ھەم ئېلاستىكىلىققا ئىگە بولغاچقا، شەكلى ئاسان ئۆزگىرىدۇ، يەنە كېلىپ مۇسكۇل كۈچى ئاجىز بولغاچقا، ۋېلىسىپىت مىنىشنى بەك بالدۇر ئۆگەنسە بېغىش ۋە داس سۆڭىكى ئاسان زەخمىلىنىشى مۇمكىن. پۇتتا بەك كۈچىگەندە ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ پۇت «X» شەكىللىك بولۇپ قالىدۇ، ھەتتا بەزى بالىلار تاش مايماق بولۇپ قىلىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن، ۋېلىسىپىت مىنىشنى كېيىنرەك ئۆگىنىش كېرەككى، ھەرگىزمۇ بالدۇر ئۆگىنىشكە بولمايدۇ. دەسلەپتە ئۈچ چاقلىق بالىلار ۋېلىسىپىتىدىن باشلاپ ئۆگەنسە بولىدۇ. ئاتا-ئانىلار ۋېلىسىپىتنىڭ ئېگىزلىكىنى تەڭشەشكە دىققەت قىلىشى، بالىنى توغرا ئولتۇرغۇزۇپ، بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ غەلىتە بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئۈرۈمچىدە قار تېيىلىش سورۇنلىرى تىجارەت باشلىدى
  • چاغانتوقاي ناھىيەسىدە چارۋىلار قىشلىق چارۋىچىلىق مەيدانىغا كۆچۈرۈلدى
  • جامبۇلاق تۇنجى نۆۋەتلىك قار-مۇز بايرىمى پىيادە مېڭىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى