تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئەخلاق تەربىيە

بالىلارغا سەككىز ئىشنى بالدۇر قىلغۇزماڭ (5)

ماتېرىيال سۈرەت

    نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ ياراملىق ئادەم بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۇلار بالا تەربىيەلەش جەريانىدا ئۈزلۈكسىز «سۈرئەت ئاشۇرۇپ»، بالىنىڭ ئوخشاش ياشتىكىلەردىن ئېشىپ چۈشۈشى ئۈچۈن، يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى ئامال بار بالدۇرراق بايقاشنى ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە، بالىنىڭ ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشتە چوقۇم «مۇۋاپىق ياشتا مۇۋاپىق ئىش قىلدۇرۇش» قا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئەگەر ئۆسۈپ يېتىلىش قانۇنىيىتىگە خىلاپلىق قىلغاندا، بالىلارنىڭ يۈكى ئېغىرلاپلا قالماي، ھەتتا ئۇلارنىڭ سالامەتلىكى تەسىرگە ئۇچرىشى مۇمكىن.

    بەش ياشتا چالغۇ بىلەن ئۇچراشتۇرۇشقا بولىدۇ. بەش ياشتىن ئاشقان بالىلارغا سىستېملىق مۇزىكا بىلىملىرىنى ئۆگىتىش ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن قابىلىيىتىنى ئېچىشقا پايدىلىق بولۇپ، بۇنىڭدا قۇلاق، كۆز، قول ۋە مېڭىنىڭ تەڭ ئىشلىتىلىشى كۈچىيىدۇ، بۇ مېڭىنى ئاچىدىغان ئالىي دەرىجىلىك «ئويۇن» ھېسابلىنىدۇ. ئەمما ئۈچ، تۆت ياشلىق بالىلارنى مۇزىكا ئۆگىنىشكە زورلىغاندا، بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقى يوقايدۇ، ھەتتا پىسخىكىلىق توسالغۇ پەيدا بولۇشى مۇمكىن؛ يەنە بىر تەرەپتىن، بەش ياشتىن بۇرۇن بالىلارنىڭ سۆڭەك، بوغۇملىرى تولۇق يېتىلمىگەن بولغاچقا، ئۇزۇن مەزگىل چالغۇ مەشىق قىلغاندا قول بوغۇملىرى ۋە پەيلەرنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر يېتىدۇ.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئۈرۈمچىدە قار تېيىلىش سورۇنلىرى تىجارەت باشلىدى
  • چاغانتوقاي ناھىيەسىدە چارۋىلار قىشلىق چارۋىچىلىق مەيدانىغا كۆچۈرۈلدى
  • جامبۇلاق تۇنجى نۆۋەتلىك قار-مۇز بايرىمى پىيادە مېڭىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى