تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئەخلاق تەربىيە

بالىلارغا سەككىز ئىشنى بالدۇر قىلغۇزماڭ (4)

ماتېرىيال سۈرەت

    نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ ياراملىق ئادەم بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۇلار بالا تەربىيەلەش جەريانىدا ئۈزلۈكسىز «سۈرئەت ئاشۇرۇپ»، بالىنىڭ ئوخشاش ياشتىكىلەردىن ئېشىپ چۈشۈشى ئۈچۈن، يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى ئامال بار بالدۇرراق بايقاشنى ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە، بالىنىڭ ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشتە چوقۇم «مۇۋاپىق ياشتا مۇۋاپىق ئىش قىلدۇرۇش» قا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئەگەر ئۆسۈپ يېتىلىش قانۇنىيىتىگە خىلاپلىق قىلغاندا، بالىلارنىڭ يۈكى ئېغىرلاپلا قالماي، ھەتتا ئۇلارنىڭ سالامەتلىكى تەسىرگە ئۇچرىشى مۇمكىن.

    تۆت ياشتا كومپيۇتېر بىلەن ئۇچراشسا بولىدۇ. كومپيۇتېرنىڭ رادىياتسىيەسى كۈچلۈك بولغاچقا، بالىلارنىڭ مېڭە ھۈجەيرىسىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىرى يېتىدۇ، ئۇزۇن مەزگىل كومپيۇتېر ئېكرانىغا قاراش بالىلارنىڭ كۆزىگە ئىنتايىن زىيانلىق. ئادەتتە، تۆت ياشتىكى بالىلار كومپيۇتېردا سۈرەت كۆرۈش، «تەربىيەلەش ئويۇنلىرى» نى ئويناش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى بىر ئاز قىلسا بولىدۇ. ئەمما، ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلار كومپيۇتېر ئوينىسا ئاتا-ئانىسى چوقۇم ھەمراھ بولۇشى كېرەك، ئۇلارنىڭ ھەر قېتىملىق كومپىيۇتېر بىلەن ئۇچرىشىش ۋاقتى 30 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، كۈنلۈك ئۇچرىشىش ۋاقتى بىر سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئۈرۈمچىدە قار تېيىلىش سورۇنلىرى تىجارەت باشلىدى
  • چاغانتوقاي ناھىيەسىدە چارۋىلار قىشلىق چارۋىچىلىق مەيدانىغا كۆچۈرۈلدى
  • جامبۇلاق تۇنجى نۆۋەتلىك قار-مۇز بايرىمى پىيادە مېڭىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى