تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئەخلاق تەربىيە

بالىلارغا سەككىز ئىشنى بالدۇر قىلغۇزماڭ (3)

ماتېرىيال سۈرەت

    نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ ياراملىق ئادەم بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۇلار بالا تەربىيەلەش جەريانىدا ئۈزلۈكسىز «سۈرئەت ئاشۇرۇپ»، بالىنىڭ ئوخشاش ياشتىكىلەردىن ئېشىپ چۈشۈشى ئۈچۈن، يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى ئامال بار بالدۇرراق بايقاشنى ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە، بالىنىڭ ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشتە چوقۇم «مۇۋاپىق ياشتا مۇۋاپىق ئىش قىلدۇرۇش» قا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئەگەر ئۆسۈپ يېتىلىش قانۇنىيىتىگە خىلاپلىق قىلغاندا، بالىلارنىڭ يۈكى ئېغىرلاپلا قالماي، ھەتتا ئۇلارنىڭ سالامەتلىكى تەسىرگە ئۇچرىشى مۇمكىن.

    ئىككى، ئۈچ يېشىدىن باشلاپ چەت ئەل تىلى ئۆگىتىش كېرەك. چەت ئەل تىلى ئۆگىنىش ۋاقتى زىيادە بالدۇر ياكى بەك كېيىن بولۇپ كەتسە ئۈنۈمى ياخشى بولمايدۇ. تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئىككى، ئۈچ ياشلىق مەزگىل بالىلارنىڭ تىل مۇسكۇللىرى تېخى پىشىپ يېتىلمىگەن مەزگىلى بولغاچقا، بۇ تىل تەرەققىياتىدىكى مۇھىم مەزگىل ھېسابلىنىدۇ، تاۋۇش پەرقلەندۈرۈش، تاۋۇش تەقلىد قىلىش، سۆزلۈك قوبۇل قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە قورامىغا يەتكەنلەرگە سېلىشتۇرغاندا ئەۋزەللىككە ئىگە بولۇپ، بۇ ئۆلچەملىك چەت ئەل تىلى سۆزلەشكە پايدىلىق. ئۆگەنگەندە تىل قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىش، ئالدى بىلەن ئاڭلاش ۋە ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، ئارقىدىن ئوقۇش، يېزىشنى ئۆگىتىش كېرەك. بۇنىڭدىن سىرت، بالىلاردىكى تىل خاتالىقىغا كەڭچىلىك ۋە سەۋرچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش كېرەك. نورمال ئوقۇتۇش ۋە كىشىلىك ئالاقىگە تەسىر يەتمىسىلا، دەرھال تۈزەتمىسىمۇ بولىدۇ. بالىلارنىڭ دىققىتىنى يىغىش ۋاقتى ئىنتايىن قىسقا بولىدۇ، چەت ئەل تىلى ئۆگەنگەندە چوقۇم ئويۇن ئۇسۇلىنى ئاساس قىلىپ، دىققىتىنى توختىماي يۆتكەش كېرەك. ئۆلۈك ۋە قارىغۇلارچە ھالدا يادلاش پەقەت بالىنىڭ روھىي بېسىمىنى ۋە قارشىلىقىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئۈرۈمچىدە قار تېيىلىش سورۇنلىرى تىجارەت باشلىدى
  • چاغانتوقاي ناھىيەسىدە چارۋىلار قىشلىق چارۋىچىلىق مەيدانىغا كۆچۈرۈلدى
  • جامبۇلاق تۇنجى نۆۋەتلىك قار-مۇز بايرىمى پىيادە مېڭىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى