كۆز ئەتراپى قارىداپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار ئاساسلىقى ئىككى خىل بولىدۇ، بۇنىڭ بىرى قان تومۇر تىپلىق كۆز ئەتراپى قارىداپ قېلىش بولۇپ، تۇرمۇشتا خىزمەت ۋە ئارام ئېلىش تەرتىپسىز بولغانلىقتىن؛ يەنە بىرى، پىگمېنت تىپلىق كۆز ئەتراپى قارىداپ قېلىش بولۇپ، ئۇزۇن مەزگىل ئاپتاپتا قاقلانغانلىقتىن بولىدۇ. يۇقىرىقى ئىككى خىل سەۋەبتىن سىرت، ئۇيقۇ يېتەرلىك بولمىسىمۇ كۆز ئەتراپى قارىداپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ياڭيۇ پارچىسى چاپلاش: قان تومۇر تىپلىق كۆز ئەتراپى قارىداپ قېلىش دېگىنىمىز، قان ئايلىنىش راۋان بولماسلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان قان ئۇيۇپ قېلىشتۇر. كۆز ئەتراپىغا ياڭيۇ پارچىسى چاپلاش بۇ خىل تىپتىكى كۆز ئەتراپى قارىداپ قېلىشنى مەلۇم دەرىجىدە ياخشىلاش رولىنى ئۆتەيدۇ. چۈنكى، ياڭيۇ تەركىبىدىكى ماددىلار تېرە ئاستى توقۇلمىسىغا ۋە قان تومۇرلارغا سىڭىپ كىرىپ، قاننىڭ ئېقىش سۈرئىتىنى تېزلىتىش، قاننى جانلاندۇرۇپ، ئۇيۇپ قالغان قاننى تارقىتىش، ئىششىقنى ياندۇرۇپ ئاغرىقنى توختىتىش رولىغا ئىگە.