تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

شىنجاڭ ساياھىتىنىڭ «تۆت پەسىل ناخشىسى»نى ياخشى ئېيتايلى

يۆ يەنيۈن

  ھازىر، ئالتۇن توغراق شىنجاڭ ساياھىتىدىكى «يېڭى جەلپكار مەنزىرە»گە ئايلاندى. تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكى ۋە تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى «توغراقنى تاماشا قىلىش، قۇملۇقنى ساياھەت قىلىش» پائالىيەتلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلغان. ئەتىيازدىكى ھەممە يەرنى قاپلىغان ياۋا تاغ گۈللىرى، يازدىكى ياپيېشىل يايلاقلار، كۈزدىكى ئالتۇن رەڭ توغراقلار، قىشتىكى ئاپئاق قار تەبىئەت شىنجاڭغا ئاتا قىلغان مول ساياھەت بايلىقى، ساياھەت «تۆت پەسىل ناخشىسى»نى ياخشى ئېيتقاندا، شىنجاڭنىڭ ساياھىتى «بايلىق»قا ئايلىنالايدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ھەر پەسىلدە خاس ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى، ئەسلىدىكى ساياھەتنىڭ سۇس پەسلى تەدرىجىي جانلاندى، لېكىن تۈپ جەھەتتىن ئاپتونوم رايونىمىزدا ساياھەت سۇس پەسلى بولماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا يەنىلا ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق.

  ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىز ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەت بايلىقى چوڭ رايونىدىن ساياھەت ئىقتىسادى كۈچلۈك رايونغا ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولماقتا. بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن، جايلار ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، ياخشىلاش بىلەن بىللە، يەنە «ھەرخىللىشىپ»، شىنجاڭ ساياھىتىنىڭ «تۆت پەسىل ناخشىسى»نى ياخشى ئېيتىپ، ساياھەت يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى لىنىيە، يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىشى كېرەك.

  شىنجاڭ كۈمۈش رەڭلىك لىباسقا ئورالغان قىش پەسلىنى كۈتۈۋېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، قىشلىق ساياھەتنى ئىلگىرىكى يىللاردىكى ئاساستا يەنىمۇ جانلاندۇرۇشتا چاڭغا تېيىلىشتىن ئىبارەت بۇ يەككە شەكىلدىلا توختاپ قېلىشقا بولمايدۇ، قانداق قىلىپ قار-مۇز بايلىقىنىڭ مەزمۇنىنى تولۇق قېزىپ، تېخىمۇ مول ساياھەت مەھسۇلاتىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، بايلىق قىممىتىنى تېخىمۇ زورايتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ساياھەتچىلىك كەسىپ زەنجىرىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرى تىرىشىپ ياخشى ئىشلەشكە تېگىشلىك دەرسلىك.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى