تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش

خاس بېلىقچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يېڭى كۈيىنى ياڭرىتىش

  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تايىنىپ، بىر تۈركۈم دېھقان–چارۋىچىلارنى يۆلەپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردى، بۇنىڭ ئىچىدە بەزى جايلار ئۆز ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، خاس بېلىقچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئۆز جايىدىكى نامرات دېھقان–چارۋىچىلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى.

  بۇرۇلتوقايدا: ‹‹ساياھەت+بېلىقچىلىق›› ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا كۈچ قوشۇلدى

  10–ئاينىڭ 22–كۈنى سەھەردە، توپ سېتىش سودىگىرى جاڭ خەيجياڭ بالدۇرلا بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى رۈيشۆ بېلىقچىلىق ئېكولوگىيە ساياھەت ئارامگاھىغا كەلدى، ئۇ ئەمدىلا تۇتۇلغان سوغۇق سۇ بېلىقلىرىنى ناھىيە بازىرىدىكى بېلىق تائاملىرى ئاشخانىسىغا ئاپارماقچى ئىدى. ئەتىگەندە، بېلىقچى ۋاڭ باۋجۇ ۋە ئۇنىڭ خىزمەتدىشى قېيىققا چىقىپ، ئالدىنقى كۈنى ئاخشىمى سالغان بېلىق تورىنى يىغىپ، سوغۇق سۇ بېلىقلىرىنى تۇتقانىدى.

  ‹‹ھازىر ھەر كۈنى ئىككى توننا سوغۇق سۇ بېلىقى تۇتالايمىز، كۆپ تۇتساق يىل ئاخىرىدا قولىمىزغا تېگىدىغان پايدىمۇ كۆپ بولىدۇ›› دېدى ۋاڭ باۋجۇ.

  ‹‹2010–يىلى مەن خېنەندىكى يۇرتۇمدىن بۇرۇلتوقايغا ئىشلىگىلى كېلىپ، بېلىقچىلىق بازىسىدا خىزمەت تاپقانىدىم، بىر ئايدا 4000 يۈەن كىرىم قىلاتتىم. تۆت يىلدىن كېيىن مەن پاي قوشتۇم، ھەر يىلى پايدىغا ئېرىشەلەيمەن›› دېدى ۋاڭ باۋجۇ كۈلۈمسىرەپ.

  ھازىر، رۈيشۆ بېلىقچىلىق ئېكولوگىيە ساياھەت ئارامگاھىدا ۋاڭ باۋجۇغا ئوخشاش مۇقىم خىزمىتى بارلاردىن يەنە 70 نەچچە كىشى بار، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا نامراتلار ھەم مېيىپلەرمۇ بار.

  خاس بېلىقچىلىق بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى ئەڭ زور خاس كەسپىگە ئايلاندى. بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى ‹‹ساياھەت + بېلىقچىلىق›› يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تېز تۈرتكە بولۇپ، شۇ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە كۈچ قوشتى. ھازىر، پۈتۈن ناھىيەدە بېلىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار 1200 كىشىدىن ئاشىدىغان بولۇپ، 2000دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ۋاسىتىلىك تۈرتكە بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە نامرات ئامما بەشتىن بىر قىسىمنى ئىگىلىدى.

  باغراشتا: نامرات ئائىلىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشتا تايانچى بار بولدى

  10–ئاينىڭ 23–كۈنى چۈشتە، باغراش ناھىيەسى لاۋخۇتەن قىسقۇچپاقا باقمىچىلىق مەيدانىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ جىگاڭ خالتا تور بىلەن قىسقۇچپاقا تۇتۇۋاتاتتى.

  ۋاڭ جىگاڭ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر 6–ئايدا، مەن قىسقۇچپاقا قۇمچىقىنى كۆلچەككە قويۇپ بەرگەنىدىم، ھازىر، قىسقۇچپاقىلارنىڭ كىچىكلىرىنىڭ ئېغىرلىقى 150 گىرام، چوڭلىرىنىڭ ئېغىرلىقى 300 گىرامغا يەتتى.

  بۇ يىل 8–ئايدا، ۋاڭ جىگاڭنىڭ قىسقۇچپاقىلىرى بازارغا سېلىندى، كورلا شەھىرى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىدە سېتىلغاندىن باشقا، يەنە بېيجىڭ، شاڭخەي، جېجياڭ، چۇڭچىڭ قاتارلىق جايلارغا سېتىلىپ، ساپ كىرىمى 1 مىليون يۈەندىن كۆپرەككە يەتتى. ھازىر، ۋاڭ جىگاڭ يەنە قىسقۇچپاقا باقمىچىلىق مەيدانىدا دېھقانلار ئارامگاھى ئاچتى. ئاۋۋال بېيىغان ئۇ يەنە ئەتراپتىكى بېلىقچىلارنىڭ بىرلىكتە بېيىشىغا تۈرتكە بولدى. بۇ يىل قىسقۇچپاقا تۇتۇش پەسلىدە، ئۇ يەرلىكتىكى يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچىدىن 25نى ئىشلەتتى، ئۈچ ئايدا ھەربىر كىشىنىڭ كىرىمى 15مىڭ يۈەنگە يەتتى، ئۇ دېھقانلار ئارامگاھىغىمۇ نامرات ئائىلىلەردىكى ئالتە ئەمگەك كۈچىنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باغراش ناھىيەسى بېلىق بېقىش، تۇتۇش ۋە ئېكولوگىيە ساياھىتىنى بىرلەشتۈرۈپ، باغراش كۆلى ئېكولوگىيە ساياھەتچىلىكىنى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى. ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكلىشىدە، بېلىق باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى، دېھقانلار ئارامگاھى قاتارلىقلار ئەمگەك ئىقتىدارى بار نامرات ئائىلىدىكىلەرنى ئالدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، نامرات ئائىلىدىكىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشتا تايانچى بولۇشىنى، بېيىشتا يولى بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

  سانجى شەھىرىدە: نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرى كېڭەيتىلدى

  10–ئاينىڭ 20–كۈنى، سانجى شەھىرى ليۇگۇڭ بازىرى شياسەنگۇڭ كەنتىدىكى باقمىچى چېڭ لياڭ باققان ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم راكنى سېتىپ بولغاندىن كېيىن، بېلىق كۆلچىكىگە سۇ قويۇپ بېرىپ، ھاك چېچىپ، دېزىنفېكسىيەلەپ ۋە رېمونت قىلىپ، كېلەر يىللىق باقمىچىلىققا ياخشى تەييارلىق قىلدى. بۇ يىل، ئۇ ئون بېلىق كۆلچىكىنى ھۆددىگە ئېلىپ جەنۇبىي ئامېرىكا ئاق پراۋراكىنى باقتى، بۇ ئۇنىڭغا نۇرغۇن نەپ ئېلىپ كەلدى.

  ئالتە يىل ئىلگىرىكى ئىككى بېلىق كۆلچىكى تەرەققىي قىلىپ ھازىرقى ئون بېلىق كۆلچىكىگە يەتتى، چېڭ لياڭ باققان جەنۇبىي ئامېرىكا ئاق پراۋراكىنى سانجى، ئۈرۈمچى، قاراماي، قومۇل قاتارلىق جايلاردىكى شەھەر ئاھالىسىنىڭ تاماق ئۈستىلىگە چىقتى. بىرى چېڭ لياڭدىن ئامېرىكا ئاق پراۋراكىنى بېقىش تېخنىكىسىدىن مەسلىھەت سوراپلا قالسا، ئۇ قىلچە يوشۇرماي ئۆگىتىپ قويىدۇ، يېتەكچىلىك قىلىدۇ. ئۇ جەنۇبىي ئامېرىكا ئاق پراۋراكىنى بېقىش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇشنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە كەسىپ شەكىللەندۈرۈپ، بازارنى تېخىمۇ كېڭەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  بۇ يىل، سانجى شەھىرى بېلىقچىلىق كەسپىدە تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن ئىشقا ئاشۇردى، ھازىر، پۈتۈن شەھەردىكى ئىستىراھەت بېلىقچىلىق تىجارەت ئورنى 32گە، بېلىقچىلىق يەككە تىجارەتچىسى يۈز نەچچىگە، بېلىقچىلىق ھەمكارلىق تەشكىلاتى 22گە يەتتى، سۇ مەھسۇلاتلىرىنى ساغلام بېقىش ئۈلگە كۆرسىتىش مەيدانىدىن 20سى قۇرۇلۇپ، نەچچە مىڭلىغان كىشىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، نامرات ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يولى كېڭەيتىلدى.

       (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ تىڭ، بايىنغولىن مۇخبىرلار پونكىتىدىن جوۋ خەيشيا، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرى ليۇ خۇا، ياڭ شياۋدۇڭ يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • چاتما ئوق پويىز بىلەن چاغانلىق يولۇچى توشۇشنى كۈتۈۋېلىش
  • ئۈرۈمچى تۇنجى نۆۋەتلىك قار شادلىقى بايرىمى خەلق باغچىسىدا باشلاندى
  • ئاسىيا قىتئەلەر لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئېلىمىز كوماندىسى سەككىز كۈچلۈكلەر قاتارىغا كىردى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى