تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا 2018-يىللىق مەملىكەتلىك چوڭلار ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئېلىنىدۇ

  ئۆز خەۋىرىمىز. مۇخبىرىمىز ئالىيە تۇرغۇننىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىمتىھان تەتقىقاتخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2018-يىللىق مەملىكەتلىك چوڭلار ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى 10-ئاينىڭ 27-، 28-كۈنى ئېلىنىدىغان بولۇپ، شىنجاڭدىن جەمئىي 49 مىڭ 500 ئادەم قاتنىشىدىكەن، ئۇنىڭ ئىچىدە «تولۇق ئوتتۇرىدىن مەخسۇس كۇرسقا ئۆرلەيدىغانلار» 21 مىڭ 662 نەپەر، «مەخسۇس كۇرستىن تولۇق كۇرسقا ئۆرلەيدىغانلار» 27 مىڭ 864 نەپەر بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا 16 ئىمتىھان رايونى، 65 ئىمتىھان نۇقتىسى، 2206 مەيدانىدا ئىمتىھان بېرىدىكەن.

  شىنجاڭدا بۇ يىل چوڭلار ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ نەتىجىسى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى ئەتراپىدا، قوبۇل قىلىش نومۇر چېكى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى ئەتراپىدا ئېلان قىلىنىدىكەن. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر شۇ چاغدا شىنجاڭ مائارىپ ئىمتىھان تەتقىقاتخانىسى تورى (http://www.xjzk.gov.cn)دىن نەتىجىسى ۋە نومۇر چېكىنى سۈرۈشتۈرسە بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى