تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

لۇڭ جىجۈن: جەنۇبىي شىنجاڭدا يىلتىز تارتىپ، ئىجتىمائىي خىزمەتكە ئۆزۈمنى بېغىشلايمەن

  مۇخبىرىمىز يۈەن لېي

  سۈرەتتە: لۇڭ جىجۈن «ئەپەندى» ئىجتىمائىي خىزمەت مۇلازىمەت مەركىزىدە (ماتېرىيال سۈرەت). (سۈرەتنى لۇڭ جىجۈن تەمىنلىگەن)

  7- ئاينىڭ 21- كۈنى، قەشقەر شەھىرىنىڭ دۆلەتباغ يېزىسى چاۋياڭ مەھەللىسىدە مەھەللە كومىتېتىنىڭ «پۇقرالار سەھنىسى» پائالىيىتىگە قاتناشقان ئاھالىلەر قەشقەر شەھىرى «ئەپەندى» ئىجتىمائىي خىزمەت مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى لۇڭ جىجۈننى ئورىۋېلىپ: خۇددى قولۇم- قوشنىلار ئېجىل- ئىناق، ناھايىتى يېقىن ئۆتكەن بۇرۇنقى ۋاقىتقا قايتقاندەك بولدۇق، دېيىشتى. لۇڭ جىجۈن مۇنداق دېدى: مېنىڭچە قولۇم- قوشنىلار مۇشۇنداق ئۆتۈشى كېرەك. مەن ھەممە قوشنىلىرىمنىڭ ئىسمىنى بىلىمەن، ئۆيدىن چىقساملا يولبويى ئۇلار بىلەن ئەھۋاللىشىپ ماڭىمەن.

  بۇ يىل 33 ياشقا كىرگەن لۇڭ جىجۈن ئىلگىرى شېنجېندىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر ئىدى، 2015- يىلى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، ئۇ قەشقەردە قېلىشنى تاللاپ، قەشقەر شەھىرى «ئەپەندى» ئىجتىمائىي خىزمەت مۇلازىمەت مەركىزىنى قۇردى. لۇڭ جىجۈن مۇنداق دېدى: ئىجتىمائىي خىزمەت كىشىلەرنىڭ قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىدىغان، ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان كەسپىي مۇلازىمەت خىزمىتى، مەسىلەن: مەھەللىدە ياشانغانلار كۆپ، ئۇلار ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ مۇلازىمەت قىلىشىمىزغا موھتاج؛ ئارتۇق ئەمگەكچى كۆپ، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتى كەمچىل؛ قوشنىلار ئارا باردى- كەلدى قىلىش ئاز، ئۇلار كوللېكتىپ پائالىيەت ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ... ھەر بىر كونكرېت كىچىك ئىش ئاھالىنىڭ ئېھتىياجى. بۇ ئىشلار كىچىك ھەم ئىنچىكە بولغاچقا، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشقا ئۈلگۈرۈپ بولالمايدۇ؛ مەھەللە كومىتېتلىرىنىڭ ئادىمى ئاز بولغاچقا، باشقۇرماقچى بولسىمۇ يېتىشىپ بولالمايدۇ. دەل مۇشۇ چاغدا، بىزنىڭ كەسپىي ئىجتىمائىي خىزمەت مۇلازىمەت ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

  ئۈچ يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، «ئەپەندى» ئىجتىمائىي خىزمەت مۇلازىمەت مەركىزى 40 نەچچە كىشىلىك قوشۇن بولۇپ تەشكىللىنىپ، مۇلازىمەت دائىرىسىنى ئەدلىيە، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارغىچە كېڭەيتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، «باشقىلارغا ياردەم بەرگەنلىك ئۆزىگە ياردەم بەرگەنلىك» دېگەن قاراش بىلەن ئىللىقلىق يەتكۈزدى.

  بۇنىڭ ئىچىدە لۇڭ جىجۈننى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلغىنى دەل «ياخشى قوشنام» ئاھالە كومىتېتى مۇلازىمەت تۈرى بولدى. بۇ تۈردە ئىجتىمائىي خىزمەت مۇلازىمەت مەركىزى ئاھالىنىڭ ئېھتىياجىنى قەرەللىك تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، قارىغۇچىسى يوق ياشانغانلار، بالىلار، قىيىنچىلىقى بار ئىشلەمچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى، مېيىپلەر قاتارلىقلارنى مۇلازىمەت مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، ئاھالىنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىجتىمائىي خىزمەت مۇلازىمەت تۈرلىرىنى ئېچىپ ۋە لايىھەلەپ، «ئىجتىمائىي خىزمەت+خالىس خىزمەت» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، ئاھالە كومىتېتىدا ئوخشاش بولمىغان ئالاھىدىلىك ۋە مۇلازىمەت ئىنتىلىشىگە ئىگە پىدائىيلارنى قوبۇل قىلىپ، ياردەمگە موھتاج ئاھالىلەر ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ.

  چاۋياڭ مەھەللىسىنى مىسالغا ئالساق، مەھەللە كومىتېتى «ياخشى قوشنام» مەھەللە كومىتېتى مۇلازىمەت تۈرىنى كىرگۈزگەندىن كېيىن، ئىجتىمائىي خىزمەت مۇلازىمەتچىلىرى ئاھالىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئالاقىدار ئورۇنلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئاھالىلەرنى ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە يېتەكلەش، تېخنىكا ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەش، كەسىپنى پىلانلاش، كىچىك دائىرىدىكى خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش يىغىنى ئېچىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن قەرەللىك تەمىنلىدى. بۇنىڭدىن باشقا، ھەپتىدە بىر قېتىم «پۇقرالار سەھنىسى» پائالىيىتىنى تەشكىللەپ، ئاھالىلەرنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

  «ئەپەندى» ئىجتىمائىي خىزمەت مۇلازىمەت مەركىزىدىكى پىدائىي راھىلە تەۋەككۈل مۇنداق دېدى: چاۋياڭ مەھەللىسىگە يېڭى كەلگىنىمدە، زېرىكىشلىك ھېس قىلغانىدىم. ھازىر كۆپلىگەن پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ، پۈتۈن مەھەللىدىكىلەرنىڭ كەيپىياتى جانلاندى!

  ھازىرغىچە «ياخشى قوشنام» ئاھالە كومىتېتى مۇلازىمەت تۈرى ھۆكۈمەت جامائەت مۇلازىمىتىنى سېتىۋېلىش شەكلى ئارقىلىق، قەشقەر شەھىرىدىكى 40 مەھەللىگە كىرگۈزۈلۈپ، 3000 مەيداندىن ئارتۇق تۈرلۈك پائالىيەت قانات يايدۇرۇلۇپ، 450 مىڭ ئادەم (قېتىم)دىن ئارتۇق مۇلازىمەت قىلىنىپ، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىنىڭ ياخشى ياردەمچىسىگە ئايلاندى.

  نۆۋەتتە، «ئەپەندى» ئىجتىمائىي خىزمەت مۇلازىمەت مەركىزىدىكى ئىجتىمائىي خىزمەتچىلەر كەسپىي ئۈستۈنلۈكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جەمئىيەتتىن ئىئانە توپلاش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، «<ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش> بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئۈچۈن ئىللىق ئائىلە بەرپا قىلىش»، «بالىلار ئامانلىقى كىچىك دەرسخانىسى»، «يىلېيۈەن . بالىلار مۇلازىمەت پونكىتى» قاتارلىق تۈرلەرنى قانات يايدۇرۇشنى پىلانلاپ، ئىجتىمائىي تەشكىلاتنى ئۈزلۈكسىز زورايتىش بىلەن بىللە، ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۈنۈملۈك ياردەم بەرمەكتە.

  لۇڭ جىجۈن مۇنداق دېدى: مەن جەنۇبىي شىنجاڭدا يىلتىز تارتىپ، بۇ ئەھمىيەتلىك ئىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشنى خالايمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى