مۇخبىرىمىز جاۋ مىن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز سۇڭ شياۋلۇڭ خەۋىرى. شىنجاڭدىن شىئەن شەھىرىگە بارىدىغان يولۇچىلارنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان سەپەر ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى 10-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن باشلاپ، شىئەن شەھىرىگە بارىدىغان ئايروپىلانلارنى كۆپەيتىپ، خوتەن-ئۈرۈمچى-شىئەن بېرىپ-كېلىش لىنىيەسىنى يېڭىدىن تەسىس قىلىدۇ، قەشقەر-تۇرپان-شىئەن بېرىپ-كېلىش لىنىيەسىنى ھەر ھەپتىدە تۆت نۆۋەت قاتنايدىغان قىلىپ زىچلاشتۇرىدۇ، ئۈرۈمچى-شىئەن-ۋۇخەن بېرىپ-كېلىش لىنىيەسىدە قاتناشنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.
جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ ئالاقىدار خىزمەتچىسى مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ شىنجاڭدىن شىئەنگە بارىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى كۆپەيتىشى بىلەن يولۇچىلارنىڭ ساياھىتىگە زور قولايلىقلار تەمىنلىنىپ، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ شىئەن شەھىرى، شۇنداقلا ئەتراپتىكى رايونلار بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ لىنىيەلەر رايونلار ئىقتىساد-سودا ئالاقىسى ۋە ساياھەت كەسپىنىڭ تېز سۈرئەتلىك تەرەققىياتىغا نىسبەتەن بەلگىلىك تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.