سائەت قوڭغۇرىقى توختىماستىن سايراپ باش ئاغرىغاندا كۆزنى ئېچىپ يوتقاندىن چىقىش، يۈز-كۆزنى ئالدىراپ-تېنەپ يۇيۇپ، چالا-بۇلا ناشتا قىلىش، ئىش ئورنىغا ھاسىراپ-ھۆمۈدىگىنىچە يېتىپ كېلىش ... بۇنداق ۋاقىت قوغلاپ ئۆتىدىغان ھېسىيات ئادەمنى ھاردۇرۇپلا قالماستىن، چوڭ مېڭىنىڭ ئىشلىشى راۋان بولماسلىق، خىزمەت ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇشتەك مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
نېمىشقا سەھەر تۇرۇشنى سىناپ باقمايمىز؟ تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، سەھەر تۇرۇش ئادىتى بارلار ھاياتىي كۈچكە تولۇپ، تېخىمۇ ياش كۆرۈنىدىكەن.
ئۇزۇن مەزگىل سەھەر تۇرىدىغانلار، كېچىدە تۈنەش ئادىتى يوقلار نۇرغۇن كېسەللەردىن خالىي بولۇپ، سالامەتلىكى تېخىمۇ ياخشى بولىدىكەن. ئۇزۇن مەزگىل سەھەر تۇرغاندا، ماددا ئالمىشىش راۋانلىشىپ، تېرە ياخشى بولىدىكەن، كۆز ئەتراپى قارىداشمۇ يېنىكلەيدىكەن. ئاخشىمى ئۇخلىماي تۈنەيدىغانلار كۈندۈزى قوپماي ئۇخلىغان تەقدىردىمۇ سەھەر تۇرىدىغانلارغا سېلىشتۇرغاندا يەنىلا قېرى چىراي بولۇپ قالىدىكەن. بەدەندىكى بىيولوگىيەلىك سائەت ياخشى تەڭشەلسە، ئۈچەي-ئاشقازان ھەرىكىتى تېخىمۇ جانلىق بولۇپ، سەھەردە تەرەت قىلىش ئادىتى يېتىلىدىكەن. بۇنداق بولغاندا تېخىمۇ ياخشى ھۆسن تۈزەش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدىكەن. ئۇزۇن مەزگىل سەھەر تۇرۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرگەنلەرنىڭ مېڭە ھۈجەيرىسى ياكى نېرۋا ھۈجەيرىسى بولسۇن، ئۆمرى ئۇزۇن، ھاياتىي كۈچى كۈچلۈك بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن ئۇلار تېخىمۇ ئەقىللىق بولىدىكەن.
خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى