شىنخۇا تورى خەۋىرى: نان — شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئاساسلىق يېمەكلىكلىرىنىڭ بىرى. ناننىڭ تۈرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ھارۋا چاقى چوڭلۇقىدىكى كۇچا نېنى بولسا ۋەكىل خاراكتېرلىك نان تۈرى ھېسابلىنىدۇ.
كۇچا كونا شەھەر رايونىدىكى كوچىدا بىر ئەنئەنىۋى ناۋايخانا بار بولۇپ، 20 كىۋادرات مېتىرمۇ كەلمەيدىغان بۇ ئۆيدە رېشىت ھىمىت ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا نان ياقماقتا ئىدى.
بۇ يىل 58 ياشقا كىرگەن رېشىت ھىمىت ئۆز جەمەتىنىڭ 5-ئەۋلاد نان يېقىش ۋارىسى، ئۇنىڭ بۇ كەسپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىغا 40 يىلدىن ئاشقان بولۇپ، ئىنىسى ۋە ئوغلى بىلەن بىرلىكتە بۇ ناۋايخانىدا تىجارەت قىلاتتى.
ناننى ياخشى يېقىپ چىقىش ئۈچۈن، بىر يۈرۈش ئىش تەرتىپىنى بېسىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلەتتى. مەسىلەن، خېمىر يۇغۇرۇش، خېمىر يېيىش، يېيىلغان خېمىرنىڭ ئۈستىگە خۇرۇچلارنى چېچىش، گۈل چېكىش، ئاندىن تەييار قىلىنغان خېمىر ھالەتتىكى ناننى تونۇرنىڭ ئىچكى تېمىغا چاپلاپ ناننى قاقلاپ پىشۇرۇش قاتارلىق جەريانلار نان يېقىش ئۇستىلىرىنىڭ ئۇزۇن يىللىق تەجرىبىسى ۋە ماھارىتىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەنىدى.
گاۋ جۈنفېڭ فوتوسى