تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش

ئۆزگىچە باقمىچىلىق ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىدىكى ‹‹تۈرتكۈچ››كە ئايلاندى

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتا، نامرات ئائىلىلەرنى ئۆز يېرىگە قاراپ ئىش كۆرۈپ ئۆزگىچە باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش يولىنى كېڭەيتىشكە يېتەكلىدى. ھازىر ئۆزگىچە باقمىچىلىق ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نامرات ئائىلىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى، كەسىپنى گۈللەندۈرۈشىدىكى ‹‹تۈرتكۈچ››كە ئايلاندى.

  ئۆزگىچە باقمىچىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندى

  10 – ئاينىڭ 23 – كۈنى سەھەردە، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى يەتتە ئارال بازىرى يەتتە ئارال كەنتىدىكى چارۋىچى ئايقۇش كەكىن خوتۇنى جانار قاقان بىلەن تۆگە سېغىشقا باشلىدى. ‹‹بىر كۈندە 60 نەچچە كىلوگىرام تۆگە سۈتى ساغالايمىز، شىنجاڭ ۋاڭيۈەن تۆگە سۈتى ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتى كۈندە تۆگە سۈتى يىغقىلى كېلىدۇ، ئايدا تۆگە سۈتىدىنلا 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلالايمىز›› دېدى جانار كۈلۈپ تۇرۇپ.

  بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدە، ئايقۇشتەك تۆگە بېقىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ باي بولغان چارۋىچى ئاز ئەمەس. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى مەۋقەنى ئۆز جايىنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، تۆگىچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى يەرلىكنىڭ ئۆزگىچە كەسىپنى يېتىشتۈرۈش ۋە دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر قىلدى. 2016 – يىلىدىن باشلاپ، ۋاڭيۈەن تۆگە سۈتچىلىكى بىرگە بىر نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشنى باشلامچىلىق بىلەن قانات يايدۇرۇپ، 2018 – يىلىغىچە 800 ئائىلىلىك نامرات دېھقان – چارۋىچىنىڭ تۆگە بېقىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن ناھىيەدىكى 123 تۆگە باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىسىمۇ 376 كىشىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى.

  ھازىر بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدىكى تۆگە باقمىچىلىقى ئائىلىسى 1000 ئەتراپىغا تەرەققىي قىلىپ، سېغىن تۆگە باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن تۆتى قۇرۇلۇپ، تۆگە 22 مىڭغا يەتتى، بۈگۈنكى كۈندە، تۆگىچىلىك بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇپ خەلقنى بېيىتىشىدىكى ئۆزگىچە كەسىپكە ئايلاندى.

  بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىلا ئۆزگىچە باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ قالماي، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يوپۇغا ناھىيەسىمۇ ئېشەك باقمىچىلىقىدىن ئېشەك سۈتىنى چوڭقۇر پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان ‹‹نامرات ئائىلە + ھەمكارلىق كوپىراتىپى +كارخانا››دىن ئىبارەت مۇكەممەل كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئېشەك بېقىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەردى.

  يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ يوپۇغا يېزىسى مۇنجاقلىق كەنتىدىكى كېرەم ئابباس ئېشەك باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىسى، ئۇ يېڭىدىن ئېشەك باقمىچىلىق بازىسى قۇرۇپ، ئېشەك باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، يەرلىكتىكى نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

  ‹‹كۈندە سېغىلغان ئېشەك سۈتىنى يۈكۈنلۈن شىركىتىگە ساتىمەن، ئىنتايىن قولايلىق، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى بولغاچقا، مەن چوقۇم نامراتلىقتىن قۇتۇلىمەن›› دېدى كەنتتىكى نامرات ئاھالە ئاتىگۈل ھامۇت.

  شىنجاڭ يۈكۈنلۈن تەبىئىي يېمەكلىك قۇرۇلۇشى چەكلىك شىركىتى 2007 – يىلى يوپۇغىغا ماكانلىشىپ، ئېشەك سۈتى يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىپ، يەرلىكتىكى 150تىن كۆپرەك نامرات كەنت ئاھالىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشغا تۈرتكە بولدى.

  يوپۇغا ناھىيەسى 2020 – يىلىغا بارغاندا پۈتۈن ناھىيەدىكى قوتاندىكى ئېشەك سانىنى 30 مىڭغا يەتكۈزۈشنى، ئېشەك باقىدىغان نامرات ئائىلىنى 500دىن ئاشۇرۇشنى، ھەمكارلىق كوپىراتىپى ۋە كارخانىنىڭ تۈرتكىسى ئارقىلىق بۇ نامرات ئائىلىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى پىلانلىدى.

  ھاۋالىلىك بېقىش ئەندىزىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ يېڭى يولىنى ئاچتى

  10 – ئاينىڭ 21 – كۈنى سەھەردە، بۇ يىل 33 ياشقا كىرگەن سەۋلې زۇكان خىزمەت كىيىمىنى ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى جيەنكۈن چارۋىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ قوي گۆشىنى پارچىلاش ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىگە كېلىپ، بىر كۈنلۈك خىزمىتىنى باشلىۋەتتى.

  ‹‹مېنىڭ بۇ يەردە ئىشلەۋاتقىنىمغا ئىككى يىل بولدى، ئايدا 3000 يۈەندىن ئارتۇق مائاش ئالىمەن، مەن بۇنىڭدىن بەك رازى›› دېدى سەۋلې.

  سەۋلې بىر ئائىلە كىشىلىرى بۇ ناھىيەنىڭ كۆلياقا يېزىسى قارا چەڭزى كەنتىنىڭ ئاھالىسى، ئىككى يىلنىڭ ئالدىدىلا بىر ئائىلە كىشىلىرى تېخى ئەجدادلىرىغا ئوخشاش چارۋىلىرىنى يايلىتىپ بېقىپ تۇرمۇش كەچۈرەتتى، سەۋلېنىڭ ئېرى باشقىلارنىڭ چارۋىسىنى ۋاكالىتەن بېقىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى قامدايتتى.

  2016 – يىلى، سەۋلې ئائىلىسى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە قىلىپ بېكىتىلدى ھەم ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ئون تۇياق نامراتلارنى يۆلەش قويى تارقىتىپ بېرىلدى، ئۇنى خۇشال قىلغىنى يالغۇز بۇلا ئەمەس، جيەنكۈن چارۋىچىلىقى كالا – قويلارنى ھاۋالىلىك بېقىپ، يىل ئاخىرىدا يەنە پايدا ئايرىيتتى، سەۋلې بىرىنچى بولۇپ جيەنكۈن چارۋىچىلىقى بىلەن ھاۋالىلىك بېقىش توختامى ئىمزالىدى.

  باركۆل چارۋىچىلىق چوڭ ناھىيەسى بولۇپ، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ چارۋىلارنى ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا ئائىلىدە تارقاق بېقىشىنىڭ ئۈنۈمى تۆۋەن ئىدى. بۇ ھالەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، جيەنكۈن چارۋىچىلىقى ‹‹كارخانا + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقانلار ئائىلىسى›› ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، مىڭلىغان، تۈمەنلىگەن ئائىلىنىڭ تارقاق ئىگىلىكىنى ئورگانىك بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرۇپ، تەشكىللىك تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە شۇ جايدىكى كالا – قوي گۆشىنى پۈتۈن مەملىكەت بازىرىغا يۈزلەندۈردى.

  جيەنكۈن چارۋىچىلىقىنىڭ باش دىرېكتورى لى شۆگاڭ مۇنداق دېدى: بىز پۈتۈن ناھىيەدىكى 1953 نامرات ئائىلە بىلەن ھاۋالىلىك بېقىش كېلىشىمى ئىمزالىدۇق، يەنە نامرات ئائىلىدىكى ئەمگەكچىدىن 110نى قوبۇل قىلىپ، شىركىتىمىزدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇردۇق.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باركۆل چارۋىچىلىق كەسپىنى زورايتىش، كۈچەيتىشنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى باشلامچى كارخانا ۋە ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن 20دىن كۆپرەكنى يېتىلدۈرۈپ، دېھقان – چارۋىچىلارنى يېقىن ئەتراپتا، ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇردى.

  ھويلا – ئاران باقمىچىلىقى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش ئارزۇسىنى قاناتلاندۇردى

  10 – ئاينىڭ 23 – كۈنى سەھەردە، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ بەشتۈگمەن يېزىسى سايغان مەھەللە كەنتىدىكى قەيسەر نۇردۇن 100 كىلوگىرام بۆدۈنە تۇخۇمىنى شەھەردىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىغا ئېلىپ ماڭغانىدى.

  ئائىلىسىنىڭ يېرى بولمىغاچقا، قەيسەر ئىزچىل سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلىپ تۇرمۇشىنى قامدايتتى. بۇ يىلنىڭ بېشىدا، قەيسەر ھويلىسىدا 10 مىڭدىن ئارتۇق بۆدۈنە باقتى.

  ‹‹ئۆيۈمدىكى بۆدۈنىلەر كۈندە 100 كىلوگىرامدىن ئارتۇق تۇخۇملايدۇ، 400 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىمەن›› دېدى قەيسەر.

  يېقىندا كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، قەيسەر يەنە چارۋا – ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، 30 مىڭ بۆدۈنە چۈجىسى سېتىۋېلىپ، باقمىچىلىق كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتتى. ئۇنىڭ تۈرتكىسىدە، بارغانسېرى كۆپلىگەن كەنت ئاھالىسى بۆدۈنە بېقىش ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇردى.

  ھازىر ئاقسۇ شەھىرىدە ھويلا – ئاراندا بۆدۈنە، كەپتەر، يەرلىك توخۇ قاتارلىقلارنى باقىدىغان كۆلەملەشكەن باقمىچىلىق ئائىلىسىدىن 127سى بار بولۇپ، 136 نامرات ئائىلىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى.

  (مۇخبىرلىرىمىز جاڭ تىڭ، قومۇل مۇخبىرلار پونكىتىدىن كوۋ جۈنفېڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز رېن لىيىڭ، دۇڭ چېڭجۇڭ يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • چاتما ئوق پويىز بىلەن چاغانلىق يولۇچى توشۇشنى كۈتۈۋېلىش
  • ئۈرۈمچى تۇنجى نۆۋەتلىك قار شادلىقى بايرىمى خەلق باغچىسىدا باشلاندى
  • ئاسىيا قىتئەلەر لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئېلىمىز كوماندىسى سەككىز كۈچلۈكلەر قاتارىغا كىردى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى