كۈز پەسلىدە ھاۋا قۇرغاق، كېچە-كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ بولغاچقا، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تېرىسى ئاسان قىچىشىدىغان بولۇپ قالىدۇ. مەسىلەن، ياشانغانلاردىكى قىچىشىش كېسىلى، ئاياللارنىڭ قىسمەن جايلىرىدىكى تېرە ياللۇغى قاتارلىقلار ئاساسلىقى قىزىل داغ، قىچىشىش ۋە ئۇششاق كېپەكلىشىشتە ئىپادىلىنىدىغان بولۇپ، دائىم كۆرۈلىدىغىنى يەنىلا ئاللېرگىيەلىك (زىيادە سەزگۈر) تېرە ياللۇغىدۇر.
مۇتەخەسسىسلەر كۈز پەسلىدە تېرە ياللۇغىدىن مۇداپىئەلىنىشتە تۆۋەندىكى بەش نۇقتىغا دىققەت قىلىشنى تەۋسيە قىلدى:
1. كۈچلۈك كۈن نۇرىدا قاقلىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
2. تېرە ياللۇغى بولغان ئورۇننى تاتىلىماسلىق كېرەك.
3. كىيىم كىيگەندە چوقۇم كەڭرەكنى كىيىپ، تېرە قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.
4. غىدىقلاش تىپىدىكى يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
5. سۇنى كۆپ ئىچىپ، ۋىتامىن Cنى تولۇقلاش كېرەك.