شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 10-ئاينىڭ 24-كۈنى جۇڭگو (سانجى) 12-نۆۋەتلىك مەززىلىك تائاملار مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، سانجى شەھىرى 1-ئايدىن 9-ئايغىچە جەمئىي 4 مىليون 783 مىڭ 300 ساياھەتچى(قېتىم)نى كۈتۈۋالغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %111.46 ئاشقان؛ ساياھەت (ئىستېمال) كىرىمى 8 مىليارد 131 مىليون 610 مىڭ يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %114.2 ئاشقان؛ قونغان ساياھەتچىلەر 686 مىڭ 100 ئادەم (قېتىم) بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %48.19 ئاشقان.
ئىگىلىنىشىچە، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتى ئاستىدا، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇرغان جۇڭگو (سانجى) 12-نۆۋەتلىك مەززىلىك تائاملار مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى سانجى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، ساياھەت يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرى تاكى 11-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن.