تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

قانداق يوتقاننىڭ يېپىنىشىڭىزغا ماس كېلىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ (2)

    قوي يۇڭىدىن تىكىلگەن يوتقان بەدەنگە ئەڭ يېپىشىپ تۇرىدۇ
    قوي يۇڭى تالاسىنىڭ يۆگىمەچلىشىش ئالاھىدىلىكى بولغاچقا، ئىسسىقلىق ساقلاش ئىقتىدارى يۇقىرى. ئۇنىڭدىن باشقا، قوي يۇڭىنىڭ بەدەنگە يېپىشىشچانلىقى ياخشى. قوي يۇڭى يوتقىنىنىڭ ئىسسىقلىق ساقلاش، نەملىك سۈمۈرۈش ئىقتىدارى يۇقىرى بولغاچقا، ئۇخلىغاندا كۆپ تەرلەيدىغانلار ۋە رېماتىزم بىمارلىرىنىڭ ئىشلىتىشىگە ماس كېلىدۇ.
    تالالىق يوتقان باھاسى ئەرزان
   تالالىق يوتقاننىڭ باھاسى ئەرزان، تالالىق يوتقاننى يېپىنىپ ئۇخلاپ تەرلىگەندىن كېيىن، نەملىكنىڭ تارقىلىشى سەل تەسكە توختايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تالالىق يوتقان كۈز ۋە ئەتىياز پەسلىدە  ئاسان زەرەتلىنىدىغان بولغاچقا، تېرىنى غىدىقلايدۇ.

    يىپەك يوتقان مۇھىت ئاسرايدىغان يوتقان
    ئەڭ سۈپەتلىك يىپەك يوتقان %100 پىلە مەشۇتىنى ماتېرىيال قىلغان بولىدۇ. پىلە قۇرتى ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا ھەر خىل خىمىيەۋىلىك بۇيۇملار بىلەن ئۇچراشسا بولمايدىغان بولغاچقا، پىلە مەشۇتىنى ماتېرىيال قىلغان يىپەك يوتقان بىر قەدەر مۇھىت ئاسرايدىغان يوتقان دەپ قارىلىپ كەلمەكتە.
   يىپەك يوتقان يۇمشاق، ئىسسىق، ھاۋا ئۆتكۈزۈشچانلىقى ياخشى بولۇپ، كانا، مىكروب پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، شۇڭا بەزى تېرىسى سەزگۈر كىشىلەرگە ماس كېلىدۇ.

مەركىزىي تېلېۋىزىيە تورى ئۈندىدار سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەخسۇس پويىزغا ئولتۇرۇپ شىنجاڭنىڭ قىش پەسلىدىن ھۇزۇرلىنىڭ
  • بۇ يىل شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھىتىدە ئېتىبارلار كۆپ — ئالتايغا ساياھەتكە كېلىڭ!
  • سايرام كۆلىنىڭ قىش مەنزىرىسى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى