تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

قانداق يوتقاننىڭ يېپىنىشىڭىزغا ماس كېلىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ (1)

    يوتقاننىڭ تۈرى كۆپ، مەسىلەن پاختا، مەشۇت، مامۇق، قوي يۇڭىدىن تىكىلگەن يوتقانلار. يوتقاننىڭ قانداق ماتېرىيالدا تىكىلىشى ئۇنىڭ سۈپىتى ۋە راھەتلىك دەرىجىسىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. 
    مامۇق يوتقان ـ ئەڭ يېنىك
    مامۇق يوتقان ئاساسلىقى غاز ياكى ئۆردەك مامۇقىنى ماتېرىيال قىلىدىغان بولۇپ، ئىككىسىنى سېلىشتۇرغاندا غاز مامۇقى ئۆردەك مامۇقىغا قارىغاندا ياخشىراق. ئادەتتە، مامۇق تەركىبى %50تىن يۇقىرى بولغان يوتقان ئەلا سۈپەتلىك مامۇق يوتقان ھېسابلىنىدۇ.
    مامۇق يوتقاننىڭ ئىسسىقلىق ساقلاش ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك، بۇنىڭدىن سىرت، مامۇق يوتقاننىڭ نەملىك سۈمۈرۈش، تەر ئۆتكۈزۈشچانلىقى ياخشى بولغاچقا، يوتقاننىڭ پاكىز، ئادەم بەدىنىنىڭ قۇرغاقلىقىنى ساقلاپ كىشىگە راھەتلىك بېغىشلايدۇ. مامۇق يوتقان يېنىك ھەم يۇمشاق بولغاچقا، ئادەم بەدىنىنى بېسىۋالغاندەك تۇيغۇ بەرمەيدۇ، شۇڭا يۇقىرى قان بېسىمى، يۈرەك كېسىلى، قان ئايلىنىشى ياخشى بولمىغان بىمارلار ھەمدە ياشانغانلار، ھامىلىدارلار ۋە بالىلارنىڭ يېپىنىشىغا ئىنتايىن ماس كېلىدۇ.

    پاختا يوتقان ـ ئەڭ ئومۇملاشقان
    پاختا ئەنئەنىۋى ئىسسىقلىق ساقلاش ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ. پاختا تالاسى ئىنچىكە، تەبىئىي بۈدۈر، كەسمە يۈزىدە بوشلۇق بولغاچقا ئىسىسقلىق ساقلاشچانلىقى بىر قەدەر ياخشى، شۇ سەۋەبتىن كۆپىنچە كىشىلەر پاختا يوتقان ئىشلىتىدۇ.
    پاختا يوتقان ئوتتۇرا ياش، ياشانغانلار، ھامىلىدارلار، بوۋاقلار، بالىلار، خىمىيەلىك تالا مەھسۇلاتلىرىغا زىيادە سېزىمچان كىشىلەر، كاناي ياكى زىققا كېسىلى تۈرىدىكى بىمارلارنىڭ يېپىنىشىغا ماس كېلىدۇ.

مەركىزىي تېلېۋىزىيە تورى ئۈندىدار سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى