تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىقتىساد خەۋەرلىرى

تۆمۈريول بىلەن تاموژنا بىرلىكتە كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلدى

  شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى. ھازىر، ئالاتاۋ پورتى تۆمۈريول خەلقئارا بىرلەشمە تىرانسپورت بىناسىدا تۆمۈريولدا توشۇلىدىغان چېگرىدىن كىرىدىغان-چىقىدىغان ماللارنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈش رەسمىيەتلىرىنى بىر بېكەتلىك بېجىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. كارخانىلار بىنادىن چىقماي تۇرۇپلا چېگرىدىن كىرىدىغان-چىقىدىغان ماللارنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈش رەسمىيەتلىرىنى تېز ھەم قولاي ھالدا بېجىرەلەيدۇ.

  ئالاتاۋ پورتى تاموژنىسى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ خادىمى تيەن جىڭ مۇخبىرغا: «تۆمۈريولدا قاتناش توختىمىسا، تاموژنا ئىشتىن چۈشمەيدۇ. كارخانىلار ئىلتىماس قىلغان تاموژنىدىن ئۆتۈش كەسپىنى مەركەزلىك بېجىرىشكە قولايلىق يارىتىش ئاساسىدا، تاموژنا پۈتۈن يىلدا <24×7> سائەتلىك خىزمەت ئەندىزىسىنى قوللىنىدۇ. 30 مىنۇتتىلا چېگرادىن كىرىدىغان، چىقىدىغان نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ رەسمىيەتلىرىنى بېجىرگىلى بولىدۇ» دېدى.

  تۆمۈريول بىلەن تاموژنا قول تۇتۇشۇپ كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىپ، كارخانىلارنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈش ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، تىرانسپورت تەننەرخىنى تۆۋەنلەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • يېڭىسارنىڭ تونۇر كاۋىپى
  • ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان چوڭ جىلغىسى ساياھەت مەخسۇس لىنىيەسىنى ئاچتى
  • سايرام كۆلىنىڭ قىش مەنزىرىسى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى