ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى: بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پورتلاردىن 291 مىڭ توننا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى ئېكىسپورت قىلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە ئالما، پەمىدۇر قىيامى، يېشىل چاي ۋە شاپتۇل قاتارلىقلار ئالدىنقى قاتاردا تۇردى.
مۇخبىرنىڭ 10-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، ھەر يىلى 10-ئايدىن كېيىنكى يىلى 5-ئايغىچە بولغان مەزگىل قورغاس، ئالاتاۋ، باقتۇدىن ئىبارەت ئۈچ چېگرا ئېغىزىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىشتىكى بېسىق مەزگىلى ئىكەن. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، قورغاس رايونى ئېكسپورت قىلغان ئالما، شاپتۇل، گەنجۈ، لازا، پەمىدۇر قاتارلىق مېۋە ۋە كۆكتاتلار جەمئىي 90 مىڭ 600 توننا بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز پورت مېۋە-كۆكتات ئېكسپورت مىقدارىنىڭ %60.97نى ئىگىلىگەن.