تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

قالايمىقان ئورۇقلاش بەدەننى قىينىغانلىق بىلەن باراۋەر

  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى سېمىزلىك كېسىلىنى پۈتۈن دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئاستا خاراكتېرلىك كېسەل، دەپ بېكىتتى ۋە بۇ كېسەل بىلەن بىرگە يۇقىرى قان بېسىم، قاندا ماي ماددىسى يۇقىرى بولۇش، قان قەنتى يۇقىرى بولۇش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى دۇنيادىكى تۆت چوڭ تېببىي ئىجتىمائىي مەسىلە قاتارىغا كىرگۈزدى. نۆۋەتتە، پۈتۈن دۇنيادا 2 مىليارد سېمىز كىشى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە دۆلىتىمىزدىن 300 مىليون كىشىنىڭ ئېغىرلىقى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن، 46 مىليون قۇرامىغا يەتكەن كىشى سېمىزلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان. بۇ خىل كىشىلەرگە نىسىبەتەن ئېيتقاندا، ئورۇقلاش تەۋىسيە قىلىدىغان ئىش بولسىمۇ، لېكى، غايەت زور بازار ئېھتىياجىدا مەيدانغا كەلگەن ھەر خىل ـ ھەر ياڭزا ئورۇقلاش دورىلىرى ئاز بولمىغان كېسەللىك ئاسارەتلىرىنى پەيدا قىلماقتا.

  ماي ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئېنېرگىيە ساقلاش قەۋىتى، ئۇ سەۋەپسىزلا شەكىللەنمەيدۇ، ھەم سەۋەبسىزلا يوقاپ كەتمەيدۇ، ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم ئېنېرگىيە قوبۇل قىلىشنى ئازايتىش، ئېنېرگىيە خورىتىشنى كۆپەيتىش كېرەك. بازاردا ھەرخىل ئورۇقلاش دورىلىرى بولۇپ، كۆپىنچىسى ئادەم بەدىنىنىڭ نورمال فىزىئولوگىيەلىك ھەرىكىتىنى بۇزۇپ، قىسقا مەزگىللىك ئورۇقلاش مەقسىتىگە يەتكۈزىدىغان بولسىمۇ، ئاقىۋىتى ئېغىر بولىدۇ. ئورۇقلاش دورىسى يېگەندە كۆرۈلىدىغان ئېغىز قۇرۇش، ئۇيقۇسىزلىق، يۈرەك سوقۇش تېزلىشىش، قان بېسىم يۇقىرىلاش، ماددا ئالمىشىش قالايمىقانلىشىش قاتارلىق ئەكس تەسىرلەرنى دورا ساتقۇچى تەرەپ قارىغۇلارچىلا «بەدەندىكى مايلارنىڭ كۆيۈشى، نورمال ئەھۋال» دەيدۇ.

  يىغىپ ئېيتقاندا، ئۆزىنىڭ بەدەن شەكلىدىن رازى بولمىغانلار يېمەكلىك ئادىتىنى ئۆزگەرتىش، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش، چېنىقىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى سىناپ بېقىش كېرەك. ئۆزىگە ماس كەلگەن بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلاش مۇھىم، لېكىن دورىغا تايىنىش خەتەرلىك.

  -خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى