تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

كېچىدە كىچىك تەرەت سانى كۆپ بولۇش كىچىك ئىش ئەمەس

  نۇرغۇن ياشانغانلار كېچىدە 3~4 قېتىم، ھەتتا 5~6 قېتىم كىچىك تەرەت قىلغىلى چىقىدۇ. كېچىدە كىچىك تەرەت سانى كۆپ بولۇشقا بەزى ياشانغان ئەرلەر تازا ئېتىبار قىلماي، بەلكىم مەزى بېزى ئۆسۈپ قېلىش سەۋەبىدىن بولۇشى مۇمكىن، دەپ ئاددىيلا ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە، كېچىدە كىچىك تەرەت سانى كۆپ بولۇش ياشانغانلارنىڭ ئۇيقا سۈپىتىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ۋاقىت ئۆتكەنسېرى ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ.

   شۇنىڭغا سەل قارىماسلىق كېرەككى، ياشانغانلارنىڭ كېچىدە كۆپ قېتىم كىچىك تەرت قىلىشىنىڭ ئارقىسىغا بەلكىم مەزى بېزى ئۆسۈپ قېلىش، دوۋساق ياللۇغى، دوۋسۇنغا تاش چۈشۈش، سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىدىكى ئۆسمە قاتارلىق تېخى بايقالمىغان كېسەللىكلەر يوشۇرۇنغان بولۇشى مۇمكىن.

  ياشانغانلارنىڭ كېچىدە كۆپ قېتىم كىچىك تەرەت قىلىشى ئاساسىي جەھەتتىن ياخشى سۈپەتلىك مەزى بېزىنىڭ سەۋەبىدىن بولسىمۇ، لېكىن، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يامان ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەزى بېزى يوغىناپ كېتىپ سۈيدۈك يولىنى ئېتىۋېلىپ، سۈيدۈك چىقىرىش توسالغۇغا ئۇچرايدۇ. كېچىدە كىچىك تەرەتنى پاكىز چىقىرىۋەتمىگەندە دوۋساق ئىقتىدارى ۋە بۆرەكنىڭ ئىقتىدارى زىيانغا ئۇچرايدۇ، ھەتتا جىددىي خاراكتېرلىك سۈيدۈك يىغىلىپ قېلىش ئېلىپ كېلىدىغان ئېغىر ئاقىۋەتلەر، ئاخىرىدا سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلى كېلىپ چىقىشىنىمۇ يوق دېگىلى بولمايدۇ، شۇڭا ياخشى خاراكتېرلىك مەزى بېزى كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى بالدۇرراق ئېلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى