شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى: سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى يېقىندا 3-تۈركۈمدىكى يېشىل ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئۈلگىلىك ئورۇنلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، شىنجاڭدىكى 15 كارخانا «دۆلەتلىك يېشىل ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئۈلگىلىك ئورۇن» قاتارىغا كىردى.
مۇخبىرنىڭ 10-ئاينىڭ 22-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭدىن جەمئىي 13 «يېشىل» زاۋۇت، بىر «يېشىل» تەمىنلەش زەنجىرى باشقۇرۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش كارخانىسى، بىر «يېشىل» لايىھە مەھسۇلاتى بۇ تىزىملىككە كىرگەن.
ئىگىلىنىشىچە، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ئۈلگە تىزىملىكىدىكى ئورۇنلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قەرەلسىز ھالدا ئارىلاپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، تەكشۈرۈش جەريانىدىكى يېشىل ئىشلەپچىقىرىش ئۈلگە تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان، بولۇپمۇ چوڭ بىخەتەرلىك ھادىسىسى يۈز بەرگەن، مۇھىت بۇلغاش مەسىلىسى بار ئورۇنلارنى ئۈلگە تىزىملىكىدىن ئۆچۈرۈپ تاشلايدىكەن.