تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

زىققا كېسىلى ۋە ئاقسىل

ماتېرىيال سۈرەت

    ئەنگلىيە فىرانكىس كىرىك تەتقىقات ئورنى يېقىندا ئېلان قىلغان بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، بىر خىل ئاقسىل بولۇپ، ئۇ زىيادە سەزگۈرلۈكتىن بولغان نەپەس يولى ياللۇغىنى تەڭشەش ۋە كونترول قىلىشتا ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدىكەن، ئالاقىدار مېخانىزملارنىڭ كەلگۈسىدە زىققا كېسىلىنى داۋالاشقا ياردىمى بولىدىكەن.

    زىققا كېسىلى بىر خىل دائىم ئۇچرايدىغان سوزۇلما خاراكتېرلىك نەپەس يولى ياللۇغى بولۇپ، دائىم ھاسراش، دىمى سىقىلىش، كۆكرەك سىقىلىش،  يۆتىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈپ، بىمارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ.

    كىرىك تەتقىقات ئورنى ئىمپېرىيە تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى شۆيۈەنى ۋە ئامېرىكا گېن قۇرۇلۇشى تېخنىكىسى شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئالاھىدە يېتىشتۈرۈلگەن كىچىك چاشقاندىن پايدىلىنىپ تەجرىبىخانىدا «ABIN-2» دېيىلىدىغان ئاقسىلنىڭ چاڭ-توزان كانىسىدىن كېلىپ چىققان نەپەس يولى ياللۇغىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى كۆزەتكەن.

    تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، كىچىك چاشقاننىڭ ئۆپكىسىدىكى دەرەخسىمان ئۆسۈكچە ھۈجەيرىسى نەپەس يولى ئىچىدىكى ئانافىلاكتوگېنغا ئېرىشىپ، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى ئاكتىپلاشتۇرغان. «ABIN-2» ئاقسىلىنىڭ ئاچقۇچلۇق رولىنى چەكلىگەندە بولسا، دەرەخسىمان ئۆسۈكچە ھۈجەيرىسى «CCL24» دېيىلىدىغان مىكرو سىگناللىق ئاقسىلنى تېخىمۇ كۆپ ئاجرىتىپ چىقارغان. بۇ خىل ئاقسىل نەپەس يولىدىكى ياللۇغنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، شىلىمشىق سۇيۇقلۇق پەيدا قىلغان بولۇپ، ئاخىرىدا كىچىك چاشقان ئېغىر دەرىجىدىكى زىيادە سەزگۈرلۈكتىن بولغان نەپەس يولى ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان.

    دوكلات ئاپتورلىرىنىڭ بىرى، ئامېرىكا گېن قۇرۇلۇشى تېخنىكىسى شىركىتىدىكى دوكتور ۋېلسون مۇنداق دېدى: بۇ تۈرلۈك تەتقىقاتتا «ABIN-2» ئاقسىلىنىڭ دەرەخسىمان ئۆسۈكچە ھۈجەيرىسىدىكى سىگناللىق رولىنى تەڭشەش ۋە كونترول قىلىش ئارقىلىق، ئېغىر دەرىجىلىك نەپەس يولى ياللۇغى ۋە زىققا كېسىلىدىن ساقلانغىلى بولىدىغانلىقىنىڭ مۇمكىنچىلىكى كۆرسىتىلدى.

    مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات ئامېرىكا «تەجرىبە مېدىتسىناسى ژۇرنىلى» نىڭ يېڭى سانىدا ئېلان قىلىنغان.

شىنخۇا تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى