تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

كالتسىي ھەققىدە

  ئادەم قېرىغاندا ئاۋۋال پۇتتىن قېرىيدۇ، دېگەن گەپ بار.  بۇ ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلارنىڭ سۆڭەك بوغۇمىدا ئاسانلا كالتسىي ئېقىپ كېتىش كۆرۈلۈش بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ھازىر كالتسىي تولۇقلاش نۇرغۇن كىشىنىڭ كۈندىلىك ساغلاملىقنى ئاسرىشىدىكى مۇھىم بىر ھالقىغا ئايلاندى.

  بازاردا دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ۋە چەت ئەلدىن كىرگۈزۈلگەن كالتسىي تولۇقلاش مەھسۇلاتلىرى نۇرغۇن، يېقىندا جۇڭگو ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى 30 تۈرلۈك ساقلىقنى ساقلاش يېمەكلىكىگە قارىتا سېلىشتۇرۇپ تەھلىل قىلىش ئارقىلىق تۆۋەندىكى يەكۈنلەرنى چىقاردى.

  20 ياشتىن بۇرۇنقى ۋاقىت سۆڭەك كالتسىي يىغىدىغان ئەڭ ياخشى مەزگىل بولۇپ، كالتسىي تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىك يېيىش ئىنتايىن مۇھىم. 30-35 ياشقىچە سۆڭەك زىچلىقى چوققا قىممەتتە تۇرىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن بارغانسېرى شالاڭلىشىدۇ. ئوتتۇرا ياشلىقلار، ياشانغانلار ئاشقازان، ئۈچىيىنىڭ قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ، بولۇپمۇ، ئاياللاردا ھەيز توختىغاندىن كېيىن كالتسىي قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، ناھايىتى ئاسانلا كالتسىي كەمچىللىك كۆرۈلىدۇ، شۇڭا 35 ياشتىن كېيىن چوقۇم  مۇۋاپىق مىقداردا كالتسىي تولۇقلاش كېرەك.

  كالتسىي تولۇقلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ۋىتامىن D تولۇقلاشمۇ ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ۋىتامىن Dنىڭ ئاساسلىق رولى كالتسىي مېتابولىزىمىنى تەڭشەپ، كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلۈشى ۋە سۆڭەك تۈزۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. داۋاملىق ئاپتاپسىنىپ بەرگەندە بەدەندىكى ۋىتامىن D3 نىڭ بىرىكىشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئادەم بەدىنىدىكى كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە پايدىلىق.

  ئېلىمىز ئاھالىلىرىنىڭ ئوزۇقلىنىش كۆرسەتمىسىدىكى كالتسىينىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارى قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ كۈنىگە 800 مىللىگىرام، ئوتتۇرا ياش، ياشانغانلارنىڭ 1000 مىللىگىرام بولۇپ، ئىستېمالچىلار دانىسى كىچىكرەك، يۇتۇش تىپىدىكى كالتسىي تولۇقلاش مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالسا بىر قەدەر ياخشى .

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەخسۇس پويىزغا ئولتۇرۇپ شىنجاڭنىڭ قىش پەسلىدىن ھۇزۇرلىنىڭ
  • بۇ يىل شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھىتىدە ئېتىبارلار كۆپ — ئالتايغا ساياھەتكە كېلىڭ!
  • سايرام كۆلىنىڭ قىش مەنزىرىسى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى