تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

چوڭ ياشلىق ھامىلىدارلار ئوپېراتسىيە قىلىپ بوشىنىشتا چىڭ تۇرۇۋالماسلىقى كېرەك

  چوڭ ياشلىق ھامىلىدارلار 35 ياشتىن چوڭ ھامىلىدارلارنى كۆرسىتىدۇ. ئاياللارنىڭ ئەڭ ياخشى تۇغۇت مەزگىلى 25 ~ 29غىچە بولۇپ، 35 ياشتىن ئاشقاندا ئاياللارنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارى ئاجىزلاپ ماڭىدۇ. شۇڭا، چوڭ ياشلىق ھامىلىدار ئاياللار ئۇچرايدىغان خېيىم-خەتەرمۇ كۆپ، بويىدىن ئاجراش نىسبىتىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 35 ياشتىن چوڭ ھامىلىدارلارنىڭ بويىدىن ئاجراش نىسبىتى %25كە، 40 ياشتىن چوڭ ھامىلىدارلارنىڭ بويىدىن ئاجراش نىسبىتى %35كە يېتىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ھامىلە خروموسوملىرى نورمالسىزلىشىپ، ھامىلىنىڭ تۇغما كەمتۈك، ھەتتا ئۆلۈك تۇغۇلۇپ قېلىشىدەك ئەھۋاللار كۆپ كۆرۈلىدىكەن. ھامىلىدارغا نىسبەتەن، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى دېيابىت، يۇقىرى قان بېسىمى قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن. شۇڭا دوختۇرلار چوڭ ياشلىق ھامىلدارلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىكەن.

  ئادەتتە چوڭ ياشلىق ھامىلىدارلار ئوپېراتسىيە قىلىپ بوشانسا ئەڭ بىخەتەر، دېگەن قاراش بار. لېكىن بۇ خاتا قاراش بولۇپ، ئوپىراتسىيە قىلىپ بوشىنىش يارىلىنىش تىپىدىكى داۋالاش تەدبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ماس ھالدا ئوپېراتسىيە خەۋپىمۇ ئاز ئەمەس. ئوپېراتسىيە ئارقىلىق بوشىنىپ قازا قىلغان ھامىلىدارلارنىڭ نىسبىتى ئۆزى تۇغۇپ قازا قىلغان ھامىلدارلاردىن ئۈچ ھەسسە كۆپ ئىكەن. باش سۈيى كەپلىشىپ قېلىش خەۋپى ئۆزى تۇغۇشقا قارىغاندا 10 ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن. ئوپېراتسىيە قىلىپ بوشىنىشتا قان كۆپ چىقىپ كېتىدىغان، ئەزالار يارىلىنىدىغان، داس بوشلۇقى يۇقۇملىنىدىغان، ئۈچەي چاپلىشىپ قالىدىغان، ئۈچەي توسۇلۇپ قالىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا بالياتقۇ تارتۇق بولۇپ، يەنە بىر قېتىم بوشىنىشقا تەسىر يەتكۈزىدىكەن. ھامىلىگە نىسبەتەن، بەزى يېڭدىن تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ نەپەس ئېلىشى قىيىن بولىدىغان، تۇغۇلۇش جەريانىدا يارىلىنىدىغان، تۇغۇلغاندىن كېيىن بېكىنىۋېلىش كېسىلى، دېيابىتقا گىرىپتار بولىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدىكەن.

  يىغىپ ئېيتقاندا، زادى قايسى خىل ئۇسۇلدا بوشىنىشنى ئەڭ ياخشىسى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىگە قاراپ بېكىتىش، ھەرگىزمۇ ئوپېراتسىيە قىلىپ بوشىنىش بىخەتەر دەپ چىڭ تۇرۇۋالماسلىق كېرەككەن.

  - خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى