تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

مەركەز 6 – كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە مەخسۇس كۆزىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىلدى

  مۇخبىرىمىز ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: مەركەزنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، 2018 – يىلى 10 – ئاينىڭ 17 – كۈنى چۈشتىن كېيىن، مەركەز 6 – كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە مەخسۇس كۆزىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىلدى. يىغىن ئېچىلىشتىن ئىلگىرى، مەركەز كۆزىتىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرغا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئالاقىدار خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. يىغىندا، مەركەز 6 – كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ رۇڭجۈن پات ئارىدا قانات يايدۇرۇلىدىغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە مەخسۇس كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدا سۆز قىلدى ھەم كۆزىتىش خىزمىتىنى ھەمكارلىشىپ ياخشى ئىشلەش تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم ئىپادە بىلدۈرۈپ سۆز قىلدى.

  مەركەز 6 – كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋە ئالاقىدار يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتناشتى؛ ئاپتونوم رايونلۇق يۆلەش – ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۆلەش – ئېچىش ئىشخانىسى بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئالاقىدار فۇنكسىيەلىك تارماقلارنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە، تەشكىلات، كۆزىتىش قاتارلىق تارماقلارنىڭ ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلىرى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، ناھىيە، شەھەر، رايونلارنىڭ ئالاقىدار خادىملىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

  ۋاڭ رۇڭجۈن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە مەخسۇس كۆزىتىشنى قانات يايدۇرۇش ــــ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ‹‹ئىككىنى قوغداش››نى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنىڭ كونكرېت ئىپادىسى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان – ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتىكى مۇھىم، زور تەدبىر، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتىكى كونكرېت ئەمەلىيەت. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە مەخسۇس كۆزىتىشنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇملۇق ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە سىياسىي مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، ئاڭلىقلىق بىلەن نازارەتنى قوبۇل قىلىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمىتىنى پائال قوللاپ ۋە ئۇنىڭغا ماسلىشىپ، بىر يۆنىلىشتە كۈچەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تاپشۇرغان مەخسۇس كۆزىتىش ۋەزىپىسىنى بىرلىكتە ياخشى تاماملىشى كېرەك. ئاڭلىق ھالدا مەركەزنىڭ تەلىپىگە توغرىلىنىپ، ئۆز رايونىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ساھەسىدە ساقلانغان مەسىلىلەر ۋە يېتەرسىزلىكلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىپ، سىستېمىلىق رەتلەپ، تۈزىتىشنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، دەرھال ھەرىكەتلىنىپ، دەرھال تۈزىتىپ، بىرى ئارقىلىق باشقىلارغا ئىبرەت قىلىپ، يوچۇقلارنى ئېتىپ، ئۇزاققىچە ئۈنۈم بېرىدىغان مېخانىزم ئورنىتىپ، مەخسۇس كۆزىتىشنى پۇرسەت بىلىپ، بېسىمنى قاتلاممۇ قاتلام يەتكۈزۈپ، مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇ قاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

   ۋاڭ رۇڭجۈن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە مەخسۇس كۆزىتىش كۆزىتىلىۋاتقان پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى نازارەت قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ‹‹مەسئۇلىيەت›› دېگەن سۆزنى چىڭ تۇتۇپ، ‹‹ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار››غا يېقىندىن دىققەت قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پارتكومنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتى ۋە ئالاقىدار فۇنكسىيەلىك تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شۇنداقلا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جەريانىدا نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشتە بايقالغان تۈرلۈك مەسىلىلەرنى تۈزىتىش ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ‹‹تۆتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش››نى زىچ چۆرىدەپ، نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرىدۇ. مەخسۇس كۆزىتىشتە سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، نۇقتىلىق ھالدا ‹‹ئىككىنى قوغداش›› سىياسىي يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پارتكومنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى فاڭجېن – سىياسەتلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىغا قاراپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدىكى تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش؛ پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىش سىياسىي يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىغا قاراپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جەريانىنىڭ پۇختا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىسىنىڭ ھەقىقىي بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ ‹‹ئۈچتە ئۈلگە بولۇش›› سىياسىي يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، مەركەزدىكى ئورۇنلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىغا قاراپ، مەركەزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ دەل جايىدا يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش؛ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش سىياسىي يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىغا قاراپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشانىغا قەرەلىدە يېتىشنى كۈچلۈك ئىنتىزام ۋە ئىستىل كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش؛ ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش سىياسىي يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشتە بايقالغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جەريانىدىكى تۈرلۈك مەسىلىلەرنى تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىغا قاراپ، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنىڭ ھازىرقى نەتىجىلىرىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش، چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش سىياسىي يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئەھۋالىغا قاراپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشانىغا قەرەلىدە يېتىشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش؛ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش سىياسىي يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تۇتۇش ئەھۋالى ۋە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش ئەھۋالىغا قاراپ، نامرات رايونلاردىكى بەزى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاجىزلىشىش، سۇسلىشىش، چەتلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنىڭ تەشكىلىي ئاساسىنى پۇختىلاش؛ ئورتاق بېيىشنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇش سىياسىي يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، شەرقىي رايونلار بىلەن غەربىي رايونلارنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ھەمكارلىقى ۋە مەركەز ئورۇنلىرىنىڭ نۇقتا بەلگىلەپ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىغا قاراپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتتە مەركەزلىك ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى مەركەزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە مەخسۇس كۆزىتىشى ـــ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداشتىكى مۇھىم تەدبىر، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ئىپادىسى، سىياسىي جەھەتتىكى كۆزىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەت، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان سالىدىغان مەسىلىلەرنى تىرىشىپ بايقاش ۋە ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتىكى كونكرېت ئەمەلىيەت. مەخسۇس كۆزىتىشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، قەتئىي ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. بايرىقىمىز روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، كۆزىتىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، كۆزىتىشكە قەتئىي ماسلىشىپ، كۆزىتىشنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوللاپ، مەركەز كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. كۆزىتىشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، قەتئىي ھالدا سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدىكى تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم – كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز، ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز؛ مەسىلىلەرنى تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، تۈزىتىش نىشانىنى، تۈزىتىش مۇددىتىنى، تۈزىتىش تەدبىرىنى، تۈزىتىش تەلىپىنى، تۈزىتىش مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەركەز كۆزىتىش گۇرۇپپىسى كۆرسىتىپ بەرگەن ھەر بىر مەسىلە، ئوتتۇرىغا قويغان ھەر بىر تۈرلۈك پىكىر – تەكلىپنىڭ ھەممىسىنى ئاخىرغىچە چىڭ تۇتۇش، دەل جايىدا تۈزىتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز؛ نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، شەمشەرنى ئېگىز كۆتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تەپ تارتمىغانلارنى بەدەل تۆلىتىشىمىز؛ دىققەتنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا مەركەزلەشتۈرۈپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، دەل جايىدا كۈچەپ، ئەڭ قاتتىق ئۆتكەلگە قەتئىي ھۇجۇم قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ‹‹بىرىكمە مۇشت››نى ياخشى ئېتىپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ سىجىل ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدا غەلىبە قىلىشقا ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىشىمىز كېرەك.

  ئىگىلىنىشىچە، مەركەز كۆزىتىش گۇرۇپپىسى شىنجاڭدا بىر ئاي ئەتراپىدا خىزمەت قىلىدىكەن. كۆزىتىش مەزگىلى (10 – ئاينىڭ 17 – كۈنىدىن 11 – ئاينىڭ 25 – كۈنىگىچە)دە، ئايرىم – ئايرىم ھالدا مەخسۇس نۆۋەتچىلىك تېلېفونى: 6157000 – 0991؛ مەخسۇس پوچتا خەت ساندۇقى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى A002 پوچتا خەت ساندۇقى تەسىس قىلغان. كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ ھەر كۈنى تېلېفون قوبۇل قىلىش ۋاقتى: سائەت 10:00 دىن 20:00 گىچە. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە مەخسۇس كۆزىتىش خىزمىتى تەلىپىگە ئاساسەن، مەركەز كۆزىتىش گۇرۇپپىسى ئاساسلىقى شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جەھەتلىرىدىكى ئىنكاس قىلىنغان مەسىلە ۋە يىپ ئۇچىنى قوبۇل قىلىدۇ. بۇ قېتىمقى مەخسۇس كۆزىتىش، قوبۇل قىلىش دائىرىسىدە بولمىغان باشقا ئەرزىيەت مەسىلىلىرى توغرىسىدىكى ئىنكاسلار بەلگىلىمە بويىچە شىنجاڭ ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئەستايىدىل بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.