تەڭرىتاغ تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش

——پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش توغرىسىدىكى يۈرۈشلۈك مۇلاھىزىنىڭ ‹‹ئارمىيەنى ئىدارە قىلىش قىسمى››

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى

  ئۇلۇغ ئىشلار ئۇلۇغ ئىدىيە ئارقىلىق يېتەكلەشكە موھتاج.

  رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى كۆزدە تۇتۇپ، يېڭى دەۋردە قانداق قۇدرەتلىك خەلق ئارمىيەسى قۇرۇش، قۇدرەتلىك خەلق ئارمىيەسىنى قانداق قۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، نەزەرىيەۋى ئىزدىنىش ۋە ئەمەلىي ئىجادىيەتنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈرۈپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، خەلق ئارمىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى ئىلمىي كۆرسەتمە ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسى بىلەن تەمىنلىدى.

  پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئېنىق قىلىپ مۇنداق كۆرسىتىلدى: ‹‹2035-يىلىغا بارغاندا دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشىش، مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا خەلق ئارمىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىش لازىم››.

  ئارزۇ چاقىرماقتا، بۇرچ مۇساپىگە ئاتلىنىشقا ئالدىراتماقتا. جۇڭگونىڭ ھەممە يېرىدىكى ھەربىي لاگېرلاردا كەڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇ ئارقىلىق ئاڭلىق ھالدا كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتتى.

       ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈشتە ئاچقۇچ پارتىيەدە.

  8-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 19-كۈنىگىچە، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، رەئىس شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. يىغىندىن كېيىن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ‹‹يېڭى دەۋردە ئارمىيەنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى قارار››نى بېسىپ تارقىتىپ، يېڭى دەۋردە خەلق ئارمىيەسىگە پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش ۋە خەلق ئارمىيەسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشنى ئورۇنلاشتۇردى.

  يېڭى دەۋردە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرى تەرەققىي قىلىپ قايسى باسقۇچقا بارسا، پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى شۇ باسقۇچقىچە ئالغا سىلجىتىش كېرەك. پۈتۈن ئارمىيەدىكى ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار قەتئىي، ئاڭلىق ھالدا پارتىيە ئارمىيەگە مۇتلەق رەھبەرلىك قىلىش تۈپ پىرىنسىپى ۋە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي، ئاڭلىق ھالدا ھەربىي كومىتېت رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى قوغداپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسى ئارقىلىق ئوفىتسېر – ئەسكەرلەرنى قوراللاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىش، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئېغىر ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئېلىش›› باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، قىسىمنىڭ پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئىدىيەۋى ئاساسىنى پۇختىلىدى.

  ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا ئالدى بىلەن قەلبنى كۈچەيتىش شەرت، قەلبنى كۈچەيتىشتە مۇھىمى روھنى تاۋلاش كېرەك. ھەرقايسى قىسىملار دىققەتنى مۇتلەق سادىق بولۇش، سىياسىي جەھەتتە تاۋلىنىشنى كۈچەيتىشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، سىياسىي جەھەتتە رەتكە سېلىش ۋە تەلىم بېرىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، گو بوشيۇڭ، شۈ سەيخۇنىڭ زەھىرىنىڭ تەسىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئۈزۈل-كېسىل تازىلىدى. پارتكومنىڭ بىرتۇتاش كوللېكتىپ رەھبەرلىكىدىكى باشلىق ئىش تەقسىملەپ مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ئارمىيەگە رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ پارتىيە خىزمىتى ۋە سىياسىي خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك قېلىپلاشتۇردى. سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى كۈچەيتىپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، نوپۇزنى قەتئىي قوغداپ، يادرونى قوغداپ، ھەربىي كومىتېت رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى قوغداپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇتلەق سادىق بولۇش، مۇتلەق پاك بولۇش، مۇتلەق ئىشەنچلىك بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  ئىسلاھات ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ مۇقەررەر يولى.

  7-ئاينىڭ 10-كۈنى، پۈتۈن ئارمىيەنىڭ تۇنجى قېتىم جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ ئاشكارا ئىمتىھان ئېلىپ مەمۇرىي خادىم قوبۇل قىلىش خەۋىرى ئېلان قىلىنىشى بىلەن، دەرھال جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. مەملىكەت بويىچە تىزىمغا ئالدۇرغۇچىلار سىجىل كۆپەيدى، بۇ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئېلىپ كەلگەن پايدىنىڭ سىجىل تارقىتىلغانلىقىنى ئىپادىلىدى. ئومۇميۈزلۈك، ئىنقىلاب خاراكتېرلىك بۇ ئۆزگىرىش خەلق ئارمىيەسىنىڭ دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى ئارمىيەگە قاراپ قەدەم تاشلىشىدىكى پۈتمەس-تۈگىمەس ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتماقتا.

      تۈزۈلمە خاراكتېرلىك توسالغۇنى ھەل قىلىپ ‹‹چوڭ مېڭىنى كۈچەيتىش›› —— قۇرۇقلۇق ئارمىيە رەھبەرلىك ئاپپاراتى قۇرۇش، راكېتا ئارمىيەسى قۇرۇش، ئىستراتېگىيەلىك ياردەمچى قىسىم قۇرۇش، 15 ھەربىي كومىتېت ئورگىنىنىڭ فۇنكسىيەلىك تارمىقىنى تەڭشەپ تەشكىللەش، بەش چوڭ ئۇرۇش رايونىنى ئايرىپ تەسىس قىلىش، بىرلەشمە ئارقا سەپ كاپالەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش، ھەربىي كومىتېت بىرلەشمە ئۇرۇش قىلىش قوماندانلىق ئاپپاراتى ۋە ئۇرۇش رايونى بىرلەشمە ئۇرۇش قىلىش قوماندانلىق ئاپپاراتى تەشكىللەش... يېڭى ‹‹ئاساسىي قۇرۇلما›› تىكلەندى، ھەربىي كومىتېت ئومۇمىي جەھەتتىن باشقۇرۇش، ئۇرۇش رايونى ئاساسلىق ئۇرۇش قىلىش، ئارمىيە تۈرلىرىنى ئاساس قىلىپ قۇرۇش ئەندىزىسى تەدرىجىي شەكىللەندى.

  قۇرۇلمىلىق زىددىيەتلەر ھەل قىلىنىپ ‹‹مۇسكۇل كۈچەيدى›› —— ئارمىيە-قىسىم تۈرلىرىنىڭ نىسبىتى ئەلالاشتۇرۇلۇپ، 18 قۇرۇقلۇق ئارمىيە جىتۈەنجۈنى 13 كە تەڭشىلىپ قايتا تەشكىللەندى؛ جەڭگە قاتناشمايدىغان ئاپپاراتلاردىكى خادىملار زور دەرىجىدە قىسقارتىلىپ، ئۇرۇش قىلىش قىسىمى تولۇقلاندى، ئومۇمىي ئىشتات 300 مىڭ ئازىيىش بىلەن بىللە، ئۇرۇش قىلىش قىسىمىنىڭ ئىشتاتى ئازايماستىن ئەكسىچە كۆپەيدى؛ ھەربىي مەكتەپلەر، پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى، مەشىق ئاپپاراتلىرى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى... قىسىمنىڭ تۈزۈلۈشى تولۇقلاش، بىرلەشتۈرۈش، كۆپ ئىقتىدارلاشتۇرۇش، جانلىق بولۇش يۆنىلىشىگە قاراپ راۋاجلاندى.

  سىياسەت خاراكتېرلىك مەسىلىلەر ھەل قىلىنىپ ‹‹ھاياتىي كۈچ ئاشتى›› —— قانۇن چىقىرىش ئىسلاھات بىلەن ئۆزئارا جىپسىلاشتۇرۇلدى، ئوفىتسېرلار قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى، مەمۇرىي خادىملار نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى، ھەربىي مەجبۇرىيەت تۈزۈمى، كەنجى ئوفىتسېرلار تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئالغا سىلجىتىلدى، ھەربىي خىراجەتنى باشقۇرۇش تۈزۈمى، ھەربىيلەرنىڭ مائاش تۈزۈمى، تۇرالغۇ تۈزۈمى، داۋالىنىش كاپالىتى قاتارلىق ئىسلاھاتلار چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى، بىرلىككە كەلگەن ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرنى باشقۇرۇش – كاپالەتلەندۈرۈش ئاپپاراتى قۇرۇلدى... ھەربىي ئىشلارنىڭ كەسىپ ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلىدىغان سىياسەت، تۈزۈم سىستېمىسى تەدرىجىي ئورنىتىلدى.

  پەن-تېخنىكا گۈللەنسە مىللەت گۈللىنىدۇ، پەن-تېخنىكا كۈچەيسە ئارمىيە كۈچىيىدۇ.

  ئالتۇن كۈز پەسلىدە، جۇڭگو خەلق ئىنقىلابىي ھەربىي مۇزېيىدا ئۆتكۈزۈلگەن 4-نۆۋەتلىك ئارمىيە-خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتى يۇقىرى تېخنىكىلىق جابدۇقلار نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى ئايىغى ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان ئېكسكۇرسىيەچىلەرنى جەلپ قىلدى. يۇقىرى ئىقتىدارلىق ساپال تالا، دەرىجىدىن تاشقىرى كوندېنساتور ھەم ئېنېرگىيە ساقلاش سىستېمىسى، يۈرۈشلۈك ھىدروگېن ھاۋا يېقىلغۇ باتارېيەسى... بىر قاتار يېڭىلىق يارىتىلغان مەھسۇلاتلار ۋە تېخنىكىلار ئارمىيە-خەلق يۇغۇرما ساھەسىدىكى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يېڭى ئىلگىرىلىشىنى نامايان قىلدى.

  مەۋقە پەن-تېخنىكا ئارقىلىق ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈشكە قويۇلۇپ، يۇغۇرما كۈچ مۇجەسسەملەندى. دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكىسى ۋە قورال-جابدۇق ساھەسى ئارمىيە-خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، شۇنداقلا ئارمىيە – خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم بەلگە. يەتىكەن سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى، ‹‹سامانيولى – 2›› ناملىق دەرىجىدىن تاشقىرى كومپيۇتېر، ‹‹جياۋلۇڭ›› ناملىق ئادەملىك چۆككۈ قاتارلىقلار ۋەكىل قىلىنىپ، ئارمىيە – خەلق يۇغۇرمىسى ھازىر تور ئۇچۇر تېخنىكىسى، سەرخىل جابدۇق ياسىمىچىلىقى، دېڭىز – ئوكيان بايلىقى، ئاۋىياتسىيە – ئالەم قاتنىشى قاتارلىق ساھەلەرگە قاراپ ئىچكىرىلەپ ئالغا سىلجىتىلماقتا.

  پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا جەڭگىۋار بولۇش كېرەك. يېڭى تىپتىكى ئۇرۇش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، تور ئۇچۇر سىستېمىسى قۇرۇش، ئارقا سەپنىڭ ئۇچۇرلىشىشقا قاراپ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇش، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق قورال-جابدۇقلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى تېزلىتىش، مۇھىم، زور تېخنىكا تەتقىقاتى ۋە يېڭى ئۇقۇم تەتقىقاتىنى كۈچەيتىش... بىر قاتار ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلار ئارقا-ئارقىدىن يولغا قويۇلۇپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش موتورى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوزغىتىلدى.

  ھاۋادىن ھاۋاغا، ھاۋادىن يەرگە، يەردىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان بىر قاتار يېڭى تىپتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن ئىلغار ئىستراتېگىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا، چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبىغىچە؛ يېڭى بىر ئەۋلاد قوراللىق تىك ئۇچار ئايروپىلان، يېڭى تىپتىكى ئاساسىي ئۇرۇش تانكىسىدىن يەتىكەن سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى، قوماندانلىقنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش سىستېمىسى، جەڭ تاكتىكىسى يۇمشاق ماتېرىيالىغىچە... ئۇچۇرلىشىش دەرىجىسى يۇقىرى، دۇنياۋى ئىلغار سەۋىيەگە ئىگە زور بىر تۈركۈم قورال – جابدۇقلار ئارقا – ئارقىدىن سەپلىنىپ، خەلق ئارمىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك ماددىي، تېخنىكا تىرىكىگە ئىگە قىلدى.

  ئارمىيە قانچە زامانىۋىلاشقانسېرى، قانچە ئۇچۇرلاشقانسېرى شۇنچە قانۇنچىللاشتۇرۇلۇشى كېرەك.

  2017-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى، ھەربىي كومىتېت ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، ھەربىي كومىتېت سىياسىي – قانۇن كومىتېتى بىرلىكتە ‹‹پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىنتىزام ئىجراسى، قانۇن ئىجراسىنى چىڭىتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ۋە ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش››نى تارقاتتى، ئىنتىزام ئىجراسى، قانۇن ئىجراسىنى چىڭىتىش ئۆلچىمىنى تۇرغۇزۇپ، تۆۋەن چەكنى بېكىتتى، بۇ، پۈتۈن ئارمىيەدىكى ئوفىتسېر – ئەسكەرلەر، بارلىق دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان خادىملار ۋە قىسىملاردىكى باشقا باشقۇرۇش خادىملىرىنى قاپلىدى.

  ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ ئاساسى، ئۇنى دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈش شەرت.

   —— قانۇن چىقىرىشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئۇرۇش تەييارلىقىنىڭ جىددىي ئېھتىياجى، ئىسلاھاتنىڭ زۆرۈرىيىتى، ئوفىتسېر – ئەسكەرلەرنىڭ جىددىي تەقەززاسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ھەربىي قانۇن – تۈزۈم سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنىڭ تەلىپىنى ھەربىي قانۇن – تۈزۈم قۇرۇلۇشىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئارمىيە قۇرۇلۇشى ۋە قىسىملارنىڭ ھەرىكەت ئاساسىي ئۆلچىمى، ئوفىتسېر – ئەسكەرلەرنىڭ ھەرىكەت ئاساسىي مىزانىدا ئىنچىكىلەشتۈرۈش كېرەك.

       —— قانۇنچىللىق تەپەككۇرىنى كۈچەيتىپ، قانۇنچىللىق تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، كەڭ ئوفىتسېر – ئەسكەرلەرنى قانۇنچىللىقنى ئىچكى جەھەتتە سىياسىي ئېتىقاد ۋە ئەخلاقىي تەربىيەلىنىشكە ئايلاندۇرۇش، تاشقى جەھەتتە ھەرىكەت مىزانى ۋە ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇشقا يېتەكلەپ، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىش ئۇسۇلىدا تۈپ ئۆزگىرىش بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

      —— ‹‹قاتتىق بولۇش››نى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى، جاۋابكارلىقنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، قانۇن – تۈزۈمنىڭ نوپۇزىنى ئاڭلىق قوغداپ، قانۇن – ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلارغا ‹‹قىلچە يول قويماي››، ‹‹تۆت خاھىش››نى زور كۈچ بىلەن تۈزەپ، ئىنتىزام ۋە قانۇننى تەرتىپكە سېلىپ، چىڭىتىپ، ئارمىيەنىڭ ھەقلىق مۇلازىمىتىنى پۈتۈنلەي توختىتىپ، چىرىكلىك پەيدا بولىدىغان تۇپراقنى يوقىتىش كېرەك.

  پولاتتەك بەلگىلىمە ئارقىلىق ھەيۋە شەكىللەندۈرۈپ، پولاتتەك ئىنتىزام ئارقىلىق كۈچەش كېرەك. ‹‹قاتتىق بولۇش››تىن ئىبارەت خەلق ئارمىيەسىنىڭ بۇ ئېسىل ئەڭگۈشتەرى ئارمىيەنى ئىدارە قىلىشنىڭ نورمال ھالىتىگە ئايلانماقتا.

  خەلق ئارمىيەسى مەڭگۈ جەڭگىۋار قوشۇن، خەلق ئارمىيەسىنىڭ ھاياتىي كۈچى جەڭگىۋارلىقىدا.

  بۇ، پۈتۈن ئارمىيەدىكى ئوفىتسېر – ئەسكەرلەرنىڭ جاسارىتىنى ئۇرغۇتىدىغان كۆرۈنۈش —— 1 – ئاينىڭ 3 – كۈنى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت 2018-يىللىق مەشىق باشلاش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئۆتكۈزدى، رەئىس شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم پۈتۈن ئارمىيەگە مەشىق بۇيرۇقى چۈشۈردى.

  بىرونېۋىكلار گۈرۈلدەپ ماڭماقتا، جەڭ پاراخوتلىرى تېز ئىلگىرىلىمەكتە، كۈمۈش بۈركۈتلەر كۆكتە پەرۋاز قىلماقتا، بومبىلار ئاسماننى يېرىپ ئۇچماقتا... پۈتۈن ئارمىيەدە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە تولۇپ تاشقان سىياسىي قىزغىنلىق، كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسى بىلەن، ئەمەلىي جەڭ ھەربىي مەشىق دولقۇنى تېز كۆتۈرۈلدى.

  پۈتۈن ئارمىيەدىكى ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار جەڭگىۋار قوشۇنلۇق ئىدىيەسىنى كۈچەيتىپ، جەڭگىۋارلىق ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، ‹‹تىنچ مەزگىلدىكى كونا ئىللەتلەرنى چوڭ تازىلاش›› ھەرىكىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، قاتتىق زەربە بېرىپ، پىچاق بىسىنى ئۆزىگە قارىتىپ، تىنچ مەزگىلدىكى كونا ئىللەتلەرنى چوڭقۇر تۈزىتىپ، ئىشنى باش ئورگاننىڭ پىلانلاش، قوماندانلىق قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش قۇرۇلۇشىدىن باشلاپ، جەڭ قىلىشنى پىلانلاش، جەڭنى تەتقىق قىلىش، جەڭ مەشىقى قىلىش بىر يۈرۈش پائالىيىتىنى مەركەزلىك تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، جەڭگىۋارلىق ئۆلچىمىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئالغا سىلجىتتى.

  جەڭ قىلىش ۋەزىپىسىگە يېقىنلىشىش، جەڭ قىلىدىغان رەقىبكە يېقىنلىشىش، جەڭ قىلىش مۇھىتىغا يېقىنلىشىش كېرەك. پۈتۈن ئارمىيەدىكى قىسىملار يېڭى ۋەزىيەتتىكى ھەربىي ئىستراتېگىيە فاڭجېنىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەربىي كۈرەش تەييارلىقىنى پۇختا، ياخشى قىلىپ، ئۇچۇر سىستېمىسىنى ئاساس قىلغان سىستېما جېڭى قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.

  قۇرۇقلۇق ئارمىيە بەش تۈرلۈك يېڭى تىپتىكى جەڭ قىلىش كۈچى بويىچە ماھارەت كۆرسىتىشكە داۋاملىق تەشكىللىدى؛ دېڭىز ئارمىيەسى ئاۋىياماتكا سېپى تۇنجى قېتىم داۋليەندىن كېسىپ ئۆتۈپ، غەربىي تىنچ ئوكيان رايونىدا يىراق دېڭىز ئۇرۇشى قىلىش مانېۋىرىنى قانات يايدۇردى؛ ھاۋا ئارمىيەسى قىرغۇچى 20 سوقۇش ئايروپىلانى تۇنجى قېتىم دېڭىز يۆنىلىشىدە ئەمەلىي جەڭ مەشىقى قىلدى؛ راكېتا قىسىمى ‹‹تيەنجيەن›› يۈرۈشلۈك مانېۋىرىنى دائىملاشتۇرۇپ، ھەممە تىپتىكى راكېتانى داۋاملىق قويۇپ بېرىش، بىرلىشىپ ئوت ئېچىپ زەربە بېرىشكە تەشكىللىدى.

  ئارمىيەنىڭ جەڭدە غەلىبە قىلىشىدا ئامما يۆلەك بولىدۇ. ئارمىيە بىلەن يەرلىك ئىككى تەرەپ ئارمىيە خەلقنى سۆيۈش، خەلق ئارمىيەنى ھىمايە قىلىشتەك شەرەپلىك ئەنئەنىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، ‹‹ھەربىينى پۈتۈن جەمئىيەت ھۆرمەت قىلىدىغان كەسىپكە ئايلاندۇرۇش››تىن ئىبارەت بۇ ئىدىيەنى كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈردى. كەڭ ئوفىتسېر – ئەسكەرلەر ئەسكەرلەرنى مەشىق قىلدۇرۇپ، ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش، ئارمىيەنى سۆيۈش، ماھارەتنى پىششىق ئىگىلەشتەك چەكسىز ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى ئۇرغۇتقاچقا، زور بىر تۈركۈم مەشىق ماھىرلىرى، ماھارەت كۆرسىتىش قابىللىرى مەيدانغا كەلدى.

  جەڭ دۇمبىقى چېلىندى، جەڭ ناخشىسى ياڭرىدى. شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، خەلق ئارمىيەسى پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىغان ئارمىيەنى قۇرۇشقا قاراپ قەدەم قويدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى. بېيجىڭ، 10 – ئاينىڭ 20 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئۈرۈمچىدە قار تېيىلىش سورۇنلىرى تىجارەت باشلىدى
  • چاغانتوقاي ناھىيەسىدە چارۋىلار قىشلىق چارۋىچىلىق مەيدانىغا كۆچۈرۈلدى
  • جامبۇلاق تۇنجى نۆۋەتلىك قار-مۇز بايرىمى پىيادە مېڭىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى