تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى شويگۇ بىلەن كۆرۈشتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10–ئاينىڭ 19–كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر مېي شىشيۇڭ). دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10–ئاينىڭ 19–كۈنى خەلق سارىيىدا، زىيارەتكە كەلگەن رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى شويگۇ بىلەن كۆرۈشتى.

  شويگۇ ئالدى بىلەن زۇڭتۇڭ پۇتىننىڭ رەئىس شى جىنپىڭغا يوللىغان سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزدى. شى جىنپىڭ رەھمەت ئېيتتى ھەم شويگۇغا زۇڭتۇڭ پۇتىنغا سەمىمىي سالىمى ۋە ياخشى تىلىكىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى ھاۋالە قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، جۇڭگو–رۇسىيە مۇناسىۋىتى داۋاملىق يۇقىرى تەرەققىياتنى ساقلاپ كەلدى، ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى. يېقىنقى بەش ئايدىن بۇيان، مەن زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن ئۈچ قېتىم كۆرۈشتۈم، بۇ، جۇڭگو–رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسى ۋە پەۋقۇلئاددىلىكىنى نامايان قىلدى. ئىككى تەرەپ بىر–بىرىنى ئەڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھى ۋە دىپلوماتىيە ئالدىنقى يۆنىلىشى قىلىشتا چىڭ تۇردى، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى، خەلقئارا ئىشلاردا زىچ ماسلىشىپ، ھەمكارلىشىپ، دۇنيا تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئاچقۇچلۇق ئامىل ۋە ئىجابىي كۈچكە ئايلىنىپ، چوڭ دۆلەت ۋە قوشنا دۆلەت مۇناسىۋىتىدە ئۈلگە تىكلىدى. جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق رۇسىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، كېلەر يىلىدىكى جۇڭگو ۋە رۇسىيە ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش ياخشى پۇرسىتىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىشىش ۋە ئۆزئارا قوللاشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو–رۇسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو–رۇسىيە ئىككى دۆلەت ئارمىيەلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسى ۋە پەۋقۇلئاددىلىكىنىڭ مۇھىم بەلگىسى، شۇنداقلا ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنىڭ يارقىن نۇقتىسى ۋە مۇھىم تىرىكى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەت ئارمىيەلىرى بىرلەشمە مانېۋىر، ئەمەلىي جەڭ مەشىقى، ھەربىي مۇسابىقە قاتارلىق ھەرقايسى ساھەدىكى ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نۇرغۇن پائال نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، ئىككى تەرەپ نۇرغۇن مەنپەئەتكە ئېرىشتى. ئىككى دۆلەت ئارمىيەلىرىنىڭ ئورتاق خەۋپسىزلىك تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش، ئۆز دۆلىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن پايدىلىق تاشقى مۇھىت يارىتىشنى نەزەردە تۇتۇپ، ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، جۇڭگو–رۇسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىرلىكتە خەلقئارا تەرتىپنى مۇقىملاشتۇرىدىغان مۇقىملاشتۇرغۇچ بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئىتى ۋە ئورتاق مەنپەئىتىنى ياخشى قوغدىشى كېرەك. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، خەلقئارا ئەخلاق ۋە ھەققانىيەت ھەم دەۋر ئېقىمى پۈتۈن دۇنيادىكى تىنچلىقپەرۋەر دۆلەتلەر ۋە خەلقلەر تەرەپتە.

  شويگۇ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ پۇتىننىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكى رۇسىيە–جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ئاساسى بولدى. زۇڭتۇڭ پۇتىن ئىككى دۆلەت ئارمىيەلىرىنىڭ ھەمكارلىقىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ‹‹شەرق2018›› ئىستراتېگىيەلىك مانېۋىرىدىكى ماسلاشتۇرۇشى ۋە ماسلىشىشىغا يۈكسەك باھا بەردى. رۇسىيە تەرەپ رۇسىيە–جۇڭگو ئىككى دۆلەت ئارمىيەلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەربىي ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك خەۋپسىزلىك خىرىسلىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئورتاق ئۆستۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتى ۋە خەلقئارا، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  جاڭ يوۋشيا كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.