تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ‹‹دۆلەت ئۇنىۋېرسال ئوت ئۆچۈرۈش قۇتقۇزۇش قوشۇنى تەشكىللەش رامكا لايىھەسى››نى بېسىپ تارقاتتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10–ئاينىڭ 18–كۈنى تېلېگراممىسى. يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ‹‹دۆلەت ئۇنىۋېرسال ئوت ئۆچۈرۈش قۇتقۇزۇش قوشۇنى تەشكىللەش رامكا لايىھەسى››(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ‹‹رامكا لايىھەسى›› دەپ ئېلىندى)نى بېسىپ تارقىتىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت ئۆچۈرۈش قىسىمى ۋە قوراللىق ساقچى ئورمان قىسىمىنىڭ تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت ئۇنىۋېرسال ئوت ئۆچۈرۈش قۇتقۇزۇش قوشۇنى تەشكىللەپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە جىددىي قۇتقۇزۇش ئاساسىي قوشۇنى ۋە دۆلەت ئەترىتى قۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى. ‹‹رامكا لايىھەسى›› ئومۇمىي لايىھە ۋە ۋەزىپە، ۋەزىپە دەرىجە تەرتىپى تەسىس قىلىش، خادىم قوبۇل قىلىپ ئىشلىتىش ۋە چېكىنىشنى باشقۇرۇش، كەسپىي كاپالەتتىن ئىبارەت ئۈچ تارماق لايىھەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  دۆلەت ئۇنىۋېرسال ئوت ئۆچۈرۈش قۇتقۇزۇش قوشۇنى تەشكىللەش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئاپەت، ۋەقە كۆپ يۈز بېرىشتەك ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ چىقارغان مۇھىم، زور قارارى بولۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش، دۆلەتنىڭ جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش سەۋىيەسى ۋە ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، خەلقنىڭ بەخت–سائادىتى، ئامانلىقى ۋە ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق بەردى. زۇڭلى لى كېچياڭ تۈزۈلمىنى ئۆزگەرتىش ۋە تەشكىللەش خىزمىتى توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ‹‹رامكا لايىھەسى›› توغرىسىدا ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئاساسىي قاتلامدىكى ئورۇنلاردىن كەڭ پىكىر ئېلىندى ھەم ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكرىگە ئاساسەن قايتا–قايتا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.

  دۆلەت ئۇنىۋېرسال ئوت ئۆچۈرۈش قۇتقۇزۇش قوشۇنى تەشكىللەشنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى: پارتىيە 19–قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2–، 3–ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىش، پارتىيەنىڭ دۆلەت ئۇنىۋېرسال ئوت ئۆچۈرۈش قۇتقۇزۇش قوشۇنىغا بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، قوشۇن قۇرۇلۇشىنى مۇنتىزىملاشتۇرۇش، كەسىپلەشتۈرۈش، كەسپىيلەشتۈرۈش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىنىدىغان، ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەت بىردەك بولغان، نوپۇزلۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك دۆلەت جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى سىستېمىسى بەرپا قىلىش تەلىپى بويىچە، تۈزۈلمە–مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىش، كۈچلەرنى ئەلالاشتۇرۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاش، قوشۇن باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، سىياسىي كاپالەتنى كۈچەيتىش، سىياسىي جەھەتتە پىشقان، ماھارىتى يۇقىرى، ئىستىلى ياخشى، ئىنتىزامى چىڭ بولغان جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇنىۋېرسال ئوت ئۆچۈرۈش قۇتقۇزۇش قوشۇنىنى كۈچەپ قۇرۇش، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىقتىدارنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال–مۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئۈنۈملۈك قوغداش.

  ‹‹رامكا لايىھەسى››دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: دۆلەت ئۇنىۋېرسال ئوت ئۆچۈرۈش قۇتقۇزۇش قوشۇنى تەشكىللەشتە، پارتىيەنىڭ مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، دۆلەت ئەھۋالىنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، جەڭگىۋارلىق ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇش، پۇختا، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇش، ئوت ئۆچۈرۈش قۇتقۇزۇش قوشۇنىنىڭ يېڭى–كونا تۈزۈلمىسىنى جىپسىلاشتۇرۇش خىزمىتىنى تەرتىپلىك ياخشى ئىشلەش، قوشۇننىڭ بىر پۈتۈن مۇقىملىقىنى ساقلاش؛ مەخسۇس باشقۇرۇش ۋە كاپالەت چارىسى ئورنىتىش ھەم ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۈچ يىل سىناق قىلىپ ئىزىغا سېلىش ئارقىلىق ئالاقىدار قانۇن–نىزاملار بىلەن جىپسىلاشقان، بىرقەدەر پىشىپ مۇقىملاشقان بىر يۈرۈش سىياسەت، تۈزۈم شەكىللەندۈرۈش؛ جىددىي قۇتقۇزۇش كۈچى ۋە بايلىقىنى ئۈنۈملۈك ئەلالاشتۇرۇپ، بىرىكتۈرۈپ، ئوت ئۆچۈرۈش قۇتقۇزۇش قوشۇنىنى مۇنتىزىملاشتۇرۇش، كەسىپلەشتۈرۈش، كەسپىيلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، جىددىي قۇتقۇزۇش ئاساسىي قوشۇنى ۋە دۆلەت ئەترىتىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى بىخەتەر، مۇقىم بولغان ياخشى مۇھىت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

      تەشكىللىنىدىغان دۆلەت ئۇنىۋېرسال ئوت ئۆچۈرۈش قۇتقۇزۇش قوشۇنىنىڭ ئالتە تۈرلۈك ئاساسلىق ۋەزىپىسى بار. بىرىنچى، بىرلىككە كەلگەن، يۇقىرى ئۈنۈملۈك رەھبەرلىك قىلىش، قوماندانلىق قىلىش سىستېمىسى ئورنىتىش. ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك ئورۇنلاردا ئايرىم–ئايرىم ھالدا ئوت ئۆچۈرۈش قۇتقۇزۇش باش ئەترىتى، تارماق ئەترىتى، چوڭ ئەترىتى تەسىس قىلىنىدۇ، شەھەر ۋە يېزا–بازارلاردا ئېھتىياجغا ئاساسەن ئۆلچەم بويىچە ئوت ئۆچۈرۈش قۇتقۇزۇش پونكىتى تەسىس قىلىنىدۇ؛ ئورمان ئوت ئۆچۈرۈش باش ئەترىتىدىن تۆۋەن ئورۇنلارنىڭ ئەسلىي تەشكىلىي تۈزۈلمىسى ساقلاپ قېلىنىدۇ. ئېھتىياجغا ئاساسەن، رايون ھالقىغان جىددىي قۇتقۇزۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدىغان كەسپىي ھەرىكەتچان كۈچ تەشكىللىنىدۇ. دۆلەت ئۇنىۋېرسال ئوت ئۆچۈرۈش قۇتقۇزۇش قوشۇنىنى جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى باشقۇرىدۇ، بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىش، دەرىجە بويىچە قوماندانلىق قىلىش يولغا قويۇلىدۇ. ئىككىنچى، مەخسۇس ئۇنۋان دەرىجە، ۋەزىپە دەرىجە تەرتىپى ئورنىتىش. دۆلەت ئۇنىۋېرسال ئوت ئۆچۈرۈش قۇتقۇزۇش قوشۇنى خادىملىرى باشقۇرۇش، قوماندانلىق قىلىش كادىرلىرى، كەسپىي تېخنىكا كادىرلىرى، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىدىن ئىبارەت ئۈچ تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇلىدۇ؛ ئوت ئۆچۈرۈش قۇتقۇزۇش ئۇنۋان نىزامى تۈزۈپ چىقىلىپ، ئۇنۋان دەرىجىسى بىلەن ۋەزىپە دەرىجىسى بىرلەشتۈرۈلۈپ تەسىس قىلىنىدۇ. ئۈچىنچى، قېلىپلاشقان، راۋان بولغان خادىم قوبۇل قىلىش، ئىشلىتىش ۋە چېكىنىشنى باشقۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىش. ئوت ئۆچۈرۈش قۇتقۇزۇش كەسىپ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، مەخسۇس خادىم قوبۇل قىلىش، ئىشلىتىش ۋە چېكىنىشنى باشقۇرۇش چارىسى يولغا قويۇلۇپ، ئوت ئۆچۈرۈش قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ نىسپىي ياش بولۇشى ۋە يۆتكىلىشىنىڭ راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ ھەم ئەمەلىي جەڭدە قوماندان تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، قوشۇننىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە جەڭگىۋارلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. تۆتىنچى، قاتتىق بولغان قوشۇن باشقۇرۇش چارىسى ئورنىتىش. ئەترەت، پونكىتلاردا پارتىيە ياچېيكىسى قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، پارتكومنىڭ بىرتۇتاش كوللېكتىپ رەھبەرلىكىدىكى باشلىقلار ئىش تەقسىمات مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ۋە سىياسىي كومىسسار، سىياسىي ئورگان تۈزۈمى داۋاملىق يولغا قويۇلۇپ، قاتتىق باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، ۋەزىپە ئىجرا قىلىش، مەشىق، خىزمەت، تۇرمۇش تەرتىپى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، قوشۇننىڭ قاتتىق ئىنتىزام ئىستىلى ساقلاپ قېلىنىدۇ. بەشىنچى، ئوت ئۆچۈرۈش قۇتقۇزۇش كەسپىنى ھۆرمەتلەيدىغان شەرەپ سىستېمىسى ئورنىتىش. مەخسۇس ‹‹جۇڭگو ئوت ئۆچۈرۈش قۇتقۇزۇش ئەترىتى››نىڭ ئەترەت بايرىقى، ئەترەت گېربى، ئەترەت تەلىمى، ئەترەت فورمىسى تەسىس قىلىنىپ، كەسىپ ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان تەقدىرلەش، مۇكاپاتلاش تۈزۈمى ئورنىتىلىدۇ، ئوت ئۆچۈرۈش قۇتقۇزۇش خادىملىرى دۆلەت ۋە جەمئىيەت بەرگەن تۈرلۈك ئېتىبارلاردىن داۋاملىق بەھرىمەن بولىدۇ، سىياسىي جەھەتتە ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلىش ئارقىلىق كەڭ ئوت ئۆچۈرۈش قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ پارتىيەگە ئۆزىنى بېغىشلاپ، دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇش، ھاياتىنى تەقدىم قىلىپ بۇرچىنى ئادا قىلىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ. ئالتىنچى، ئوت ئۆچۈرۈش قۇتقۇزۇش كەسىپ ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان كاپالەت مېخانىزمى ئورنىتىش. ئوت ئۆچۈرۈش قۇتقۇزۇش خىزمىتىدە مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ مالىيە ئىش ھوقۇقى ۋە چىقىم مەسئۇلىيىتىنى ئايرىش پىكرىگە ئاساسەن، مالىيە كاپالەت مېخانىزمى تەڭشىلىپ مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ؛ تۈزۈلمە ئۆزگەرگەندىن كېيىنكى ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىنىڭ ھازىرقى تەمىنات سەۋىيەسى ساقلاپ قېلىنىپ، ئۇلارنىڭ ۋەزىپە، ۋەزىپە دەرىجە تەرتىپىگە باغلانغان، كەسىپ ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان مائاش تەمىنات سىياسىتى يولغا قويۇلىدۇ؛ ئوت ئۆچۈرۈش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق پەن تەتقىقات بايلىقى بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئوت ئۆچۈرۈش قۇتقۇزۇش يېڭى جەڭ ئۇسۇلى، يېڭى تېخنىكىسى، يېڭى جابدۇقلىرى تەتقىق قىلىنىپ راۋاجلاندۇرۇلىدۇ؛ مەخسۇس ئوت ئۆچۈرۈش قۇتقۇزۇش شۆيۈەنى تەشكىللىنىدۇ.

      ‹‹رامكا لايىھەسى››دە يەنە قوشۇن تەشكىللەشنى قەرەلىدە يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىش، مۇناسىۋەتلىك قانۇن–تۈزۈملەرنى ئورنىتىپ مۇكەممەللەشتۈرۈش، تۈزۈلمە ئۆزگەرگەندىن كېيىنكى خادىملارنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇۋاپىق ياخشى ئىشلەش، ئىسلاھات خىزمىتى ئىنتىزامىغا قاتتىق رىئايە قىلىش قاتارلىقلار توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.