تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ تەيخۇ دۇنيا مەدەنىيەت مۇنبىرىنىڭ 5–نۆۋەتلىك يىللىق يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10–ئاينىڭ 18–كۈنى تېلېگراممىسى. تەيخۇ دۇنيا مەدەنىيەت مۇنبىرىنىڭ 5–نۆۋەتلىك يىللىق يىغىنى 10–ئاينىڭ 18–كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مۇنبەر يىللىق يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش–ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ يۈكسىلىشى ۋە دۇنيا تىنچلىقى، تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى. ئىنسانلار باشتىن–ئاخىر ئوخشاش بولمىغان مىللەت، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت ئۆزئارا ئۇچرىشىش، ئۆزئارا چۈشىنىش جەريانىدا ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ. تەيخۇ دۇنيا مەدەنىيەت مۇنبىرىنىڭ بۇ قېتىملىق يىللىق يىغىنى ‹‹مەدەنىيەت سۆھبىتى: ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش››نى باش تېما قىلغان، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئالاقىنى كۈچەيتىشىگە، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملىشىگە، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا پايدىلىق بولۇپ، دۇنيانىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش–ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئادىل–ھەققانىي بولغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنى بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشقا چاقىرىدۇ. مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق رەڭدارلىشىدۇ، مەدەنىيەت ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ئارقىلىق بېيىيدۇ. بىز خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىللە، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتنىڭ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشى، ئىناق بىللە تۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى، مەدەنىيلىكنى ئۆزئارا ئۆگىنىش–ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتىكى ئاكتىپ كۈچ قىلىپ، تەرەققىيات پۇرسىتىدىن قول تۇتۇشۇپ تەڭ بەھرىلىنىپ، ئورتاق خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا قۇرۇشنى خالايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.