شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: 10-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئىلى ئوبلاستىنىڭ غۇلجا ناھىيەسىدىكى ئاق قۇ بۇلاق سۇلۇق يەر باغچىسىدا سۆگەل تۇمشۇقلۇق ئاق قۇلار كۆل يۈزىدە بەزىدە سۇغا شۇڭغۇپ ئوزۇق ئىزدىسە، بەزىدە ئويناقشىپ ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرىنى ھاسىل قىلدى.
يېقىندا، غۇلجا ناھىيەسىدىكى ئاق قۇ بۇلاق سۇلۇق يەر باغچىسى بۇ يىلقى تۇنجى تۈركۈمدىكى 27 سۆگەل تۇمشۇقلۇق ئاق قۇنى كۈتۈۋالدى. غۇلجا ناھىيەسى ئاق قۇ بۇلاق سۇلۇق يەر باغچىسى باشقۇرغۇچىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يەرگە ئاق قۇدىن باشقا يەنە ياۋا ئۆردەك، يېشىل باش ئۆردەك، كۆك غاز قاتارلىق ياۋا قۇشلارمۇ ماكانلىشىپ قىشلىغىلى كېلىدىكەن.