تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

گۈللەندۈرۈش يولىدا قانات قېقىپ پەرۋاز قىلىش

——يېزا–كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى يولغا قويۇلغان بىر يىلدىن بۇيانقى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا تەرەققىياتى خاتىرىسى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يى

  2017–يىلى 10–ئاينىڭ 18–كۈنى مەڭگۈ ئەستە ساقلاشقا تېگىشلىك كۈن. باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 19–قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا، يېزا–كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېزا–كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى دۆلەت ئىستراتېگىيەسى سۈپىتىدە پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈپ ھەم يېزا–كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش كونكرېت ھەرىكىتىگە قارىتا نىشان–ۋەزىپىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، كونكرېت خىزمەت تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى دەۋردىكى دۆلىتىمىزنىڭ ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› تەرەققىياتى ئۈچۈن ئېنىق پىلان تۈزۈپ بەردى.

  بىر يىلدىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېزا–كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا–كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشنى ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىم نۇقتىلىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا–كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا ياخشى باشلىنىشنى قولغا كەلتۈردى.

      سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇپ، 1–كەسىپنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش

  بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادى مۇقىم يۈرۈشۈش ھالىتىنى ساقلىدى، 1–كەسىپنىڭ تەرەققىياتىدا سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش مۇساپىسى كۆرۈنەرلىك تېزلەشتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېزا خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شۈ تاۋ مۇنداق دېدى: كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش يېزا–كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق تىرەك. كەسىپلەرنىڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتىدا ساننىڭ ئېشىشىنى سۈپەتنىڭ ئۆسۈشىگە ئۆزگەرتىشكە پائال تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەش سىستېمىسىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشكە ئېھتىياجلىق.

  گۇچۇڭ ناھىيەسى شىبېيۋەن بازىرى ليۇشۇخېزا كەنتىنىڭ ئاھالىسى جۇ جيا مۇنداق دېدى: ھازىر بۇغداي تېرىش بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدۇ، دېھقانلارنىڭ قەددى رۇسلاندى. مەن بۇ يىل تېرىغان، سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولغان شىندۇڭ 22–نومۇرلۇق بۇغداينىڭ سۈپىتى پىششىقلاش كارخانىلىرىنىڭ تەلىپىنى قاندۇرۇپ، ھەر كىلوگىرامىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سېتىۋېلىش باھاسى 2.65 يۈەنگە يېتىپ، دۆلەتنىڭ بازارغا ھاۋالە قىلىش باھاسىدىن 0.3 يۈەن يۇقىرى بولدى، كارخانىلار ئىشىك ئالدىمىزغا كېلىپ بۇغداي سېتىۋالدى، ھوسۇل ئېھتىياجنى قامدىيالمىدى.

  بۇلتۇر قىشتىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون 100 دىن ئارتۇق يېزا ئىگىلىكى تېخنىكا مۇتەخەسسىسلىرىنى ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈشكە تەشكىللەپ، باغ–ئورمانچىلىقتا كېسەل ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشنى مۇھىم نۇقتا قىلغان يېزا ئىگىلىكى پەن–تېخنىكا مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، قىشتىكى بىكارچىلىقنى ئالدىراشچىلىققا ئايلاندۇردى. پەن–تېخنىكا مۇلازىمەت سەۋىيەسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى بىلەن، بۇ يىل پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى مېۋىلەرنىڭ سۈپىتى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن كۆرۈنەرلىك ياخشى بولدى.

  سەمەت ئۆرۈكىنىڭ پوستى نېپىز، شىرنىلىك بولۇپ، ساقلاش تەس بولغاچقا، ‹‹فارفۇر ساھىبجامال›› دەپ ئاتالغان. بىراق ھازىر، ‹‹فارفۇر ساھىبجامال››مۇ ‹‹يولدا سىلكىنىش››تىن قورقمايدىغان بولدى. ئالاقە تورىدا سېتىش ۋە سۈپەتنىڭ ئۆستۈرۈلۈشىدىن ئىبارەت قوش تىرەكنىڭ تۈرتكىسىدە، بۇ يىل شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھىدىن ئىبارەت بىرلا كارخانا توردا ۋە باشقا يوللار ئارقىلىق 35 مىڭ توننا ئۆرۈكنى سېتىپ چىقاردى، سېتىلىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىر ھەسسىدىن كۆپرەك قاتلىنىپ، ئوتتۇرىچە سېتىۋېلىنىش باھاسى ئىلگىرىكىدىن بەش ھەسسىدىن كۆپرەك ئېشىپ، كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك ئۆستى.

  بۈگۈنكى كۈندە، مەھسۇلات مىقدارى بىلەن قەھرىمان ھېسابلىنىدىغان ئىشلەپچىقىرىش ئىدىيەسى يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىدىكى ئۆتمۈشكە ئايلاندى، سۈپەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېزا ئىگىلىكىنى سۈپەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىدىيەسى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا تېز ئومۇملاشماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، بۇغداي بىلەن كۆممىقوناقنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپ سىستېمىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپى ۋە يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يېڭى، تىرىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ دۆلەت ئىچى بازىرىدىكى سېتىلىش يوللىرىنى كۈنسايىن راۋانلاشتۇردى.

  مۇھىتنى ئاسراپ، يېزا–كەنتلەرنىڭ يېشىل تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش

  بۈگۈنكى كۈندە، يېشىل بولۇش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىكى ئاساسىي ئېقىم بولۇپ قالدى، بارغانسېرى كۆپ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقارغۇچىلىرى يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يېشىل يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنىڭ ياردىمىدە، يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە مۇھىت ئاسراشتا قوش پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  شۈ تاۋ مۇنداق دېدى: ئېكولوگىيەسى ياشاشقا باب كېلىدىغان بولۇش يېزا–كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق ھالقا. ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ۋە كەنت قىياپىتى يېزىلارنىڭ تەرەققىياتى ۋە مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى بىۋاسىتە ئەكس ئەتتۈرىدۇ، مۇھىتنى تۈزەشنى گۈزەل يېزا–كەنت قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بايلىق تېجەيدىغان ۋە مۇھىت ئاسرايدىغان بوشلۇق ئەندىزىسى، كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى شەكىللەندۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ يېشىل تېغى، سۈزۈك سۈيىنى ياخشى قوغداپ، ئاسمىنى كۆك، زېمىنى يېشىل، سۈيى سۈزۈك يېزا سەھرا مەنزىرىسىنى ياخشى بەرپا قىلىش كېرەك.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك تارماقلىرى يېزا ئىگىلىكىنىڭ دائىرىلىك، مەنبەلىك بۇلغىنىشىنى تۈزەشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، يېشىل يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىپ، بايلىق، مۇھىت قۇربى ئۆزئارا ماسلاشقان، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، ئېكولوگىيە ئۆزئارا ماسلاشقان يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

  بۇ جەرياندا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون خىمىيەۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ نۆل ئېشىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىك سېلىنما مەھسۇلاتلىرىنى باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ دائىرىلىك، مەنبەلىك بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەشنى كۈچەيتىپ، ئوراش–قاچىلاش تاشلاندۇقلىرىنى يىغىۋېلىپ بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سولياۋ يوپۇقنى يىغىۋېلىپ پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. ھازىر ئاپتونوم رايون بويىچە ئېتىزلاردىكى كېرەكسىز سولياۋ يوپۇقنى يىغىۋېلىش نىسبىتى %60 كە يەتتى، ئېتىزلاردىكى ‹‹ئاق بۇلغىنىش›› ۋەزىيىتى ئاساسەن تىزگىنلەندى، ئاپتونوم رايون بويىچە 66 ناھىيە، شەھەر، رايون سولياۋ يوپۇقنى يىغىۋېلىش، پىششىقلاش زاۋۇتىدىن 74نى قۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 42 سى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىندى، كېرەكسىز سولياۋ يوپۇقنى يىغىۋالىدىغان بىر تۈركۈم تور نۇقتىلىرىمۇ ئېتىز–ئېرىق باشلىرىدا قۇرۇلۇپ، ‹‹كېرەكسىز سولياۋ يوپۇقنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش›› مەسىلىسى تەدرىجىي ھەل قىلىندى.

  ياخشى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش مۇھىتى ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت تىرىكىدىن ئايرىلالمايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون مۇھىم، زور ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى جەھەتتە داۋاملىق كۈچەپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاقلارنى سىستېمىلىق تۈزەشنى كۈچەيتتى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ بويىچە ئەتىيازدا 1 مىليون 750 مىڭ مو ئورمان بىنا قىلىش، 1 مىليون 300 مىڭ مو يەرنى تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش، 2 مىليون 400 مىڭ مو قۇملاشقان يەرنى تۈزەش تاماملىنىپ، چارۋا بېقىشنى مەنئى قىلىش يولغا قويۇلغان ۋە ئوتلاق، چارۋا تەڭپۇڭ بولغان ئوتلاق كۆلىمى 691 مىليون موغا يەتكۈزۈلدى.

  ئاپتونوم رايون بويىچە يېزىلارنىڭ ياشاش مۇھىتىمۇ ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى. 2015–يىلىدىن ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە 300 يېزا–بازار، 3420 مەمۇرىي كەنتنىڭ تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتى تاماملىنىپ، تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش نىسبىتى %39كە يەتكۈزۈلدى، ھازىر 58 ناھىيە (شەھەر، رايون) ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا تۇرمۇش يۇندىلىرىنى تۈزەيدىغان ناھىيەلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلۈپ كۆزىتىلىۋاتىدۇ.

  ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش

  شۈ تاۋ مۇنداق دېدى: ئىسلاھات يېزا ئىگىلىكى، يېزا تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، يېزا–كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە جەزمەن ئىسلاھ قىلىش–يېڭىلىق يارىتىشقا كۈچەش كېرەك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون شەھەر–يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش تۈزۈلمە–مېخانىزمى ۋە سىياسەت سىستېمىسىنى تىرىشىپ ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇردى.

  بۇ يىل، يولغا قويۇلغىنىغا ئون نەچچە يىل بولغان بۇغداي سېتىۋېلىش، ساقلاش تۈزۈمى تارىخقا ئايلاندى. ‹‹بازار باھا بېكىتىش+سۈپىتىگە قاراپ تولۇقلىما بېرىش›› يېڭى مېخانىزمى ‹‹ھۆكۈمەت باھا بېكىتىش، قويۇۋېتىپ سېتىۋېلىش، قويۇۋېتىپ بىۋاسىتە تولۇقلىما بېرىش›› سىياسىتىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىلدى، يېڭى سىياسەت ئارقىلىق، كۆپ مەنبەلىك سۇبيېكتلار بازارغا كىرىپ بۇغداي سېتىۋالدى، دېھقانلار بازار زاكىزىغا بىۋاسىتە ئۇدۇللاشتى، ئەلا سۈپەت، يۇقىرى باھا بازارنىڭ يېتەكچىسىگە ئايلاندى، ئاپتونوم رايون بويىچە ئاشلىق كەسپى يېپيېڭى تەرەققىيات مۇھىتىنى كۈتۈۋالدى.

  ئۇدا كۆپ يىل يولغا قويۇلغان پاختا نىشان باھاسى ئىسلاھاتى نۇقتىدا سىناق قىلىنىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە پاختا سۈپەت–ئۈنۈمنى قوغلىشىپ تەرەققىي قىلىش يولىدا مېڭىشقا ئۈزلۈكسىز يېتەكلەندى، ئاپتونوم رايون بويىچە پاختا سۈپىتى، ئۈنۈمى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، بەزى رايونلاردىكى پاختىكارلار بىر قاتار ئىسلاھات ئېلىپ كەلگەن پايدىدىن بەھرىلىنىشكە باشلىدى.

  ساۋەن ناھىيەسى داچۈەن يېزىسى شاۋفاڭجاڭزا كەنتىنىڭ ئاھالىسى خەن جېڭتاۋ مۇنداق دېدى: مەن 600 مو كېۋەزلىكنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل، ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىر مو يەر ئۈچۈن ھەر يىلى ماڭا 50 يۈەن ئىش ھەققى بېرىدۇ، ئۆزۈمنىڭ يېرىدىن ھەر يىلى يەنە پايدا ئايرىپ بېرىدۇ، مەن يەنە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىمەن، مەن ئۈچۈن 100 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىش تەس ئەمەس. يېزا يەر ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى بېكىتىپ تىزىملاش، كىنىشكا بېرىش خىزمىتىگە ئەگىشىپ تۇرمۇشۇمدا ئۆزگىرىش بولدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ساۋەن ناھىيەسى يېزا يەر ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى بېكىتىپ تىزىملاش، كىنىشكا بېرىش خىزمىتىگە تۈرتكە بولۇشنى تۇتقا قىلىپ، يەر ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئاساسىدا، باشقۇرۇش ھوقۇقىنى جانلاندۇرۇپ، ھۆددە يەر ئوبوروتى ۋە رەنىگە قويۇش قاتارلىق ھوقۇق ۋە فۇنكسىيەسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىدە مۇۋاپىق كۆلەمدە تىجارەت قىلىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىنى يېپيېڭى يولغا يېتەكلىدى.

  ھازىر ئاپتونوم رايون بويىچە 31 مىليون 536 مىڭ مو يېزا ھۆددە يېرى ئەمەلىي ئۆلچەپ بولۇندى، بۇ، ۋەزىپە ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %88.53ىنى ئىگىلىدى، 12 مىليون 353 مىڭ مو كوللېكتىپ ئورمان يېرىنىڭ ھوقۇقىنى بېكىتىش تاماملاندى، يېڭىچە ئورمانچىلىق تىجارەت سۇبيېكتلىرى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كېلىپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۇل خاراكتېرلىك شارائىت يارىتىپ بېرىلدى.

  بىر قاتار ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ چوڭقۇر يولغا قويۇلۇشى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتىغا تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى قوشۇش بىلەن بىللە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا–كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇشىنى كۈچلۈك تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى. ئېتىز–قىرلارنى ئايلانساق، مول ھوسۇل مەنزىرىسىنى ھەممىلا جايدا كۆرەلەيمىز، يېزا–كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا تەرەققىياتى قانات قېقىپ پەرۋاز قىلماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى