تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن نورۋېگىيە خەلقىنىڭ دوستانە ئالاقىسى توغرىسىدىكى تىللاردا داستان بولغۇدەك ھېكايە

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى جۇڭفا

     ئالتۇن كۈزدىكى ئۆكتەبىر، مول ھوسۇل پەسلى. 10–ئاينىڭ 16–كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، نورۋېگىيە پادىشاھى خارالدVنىڭ جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. دوستلۇق ئۈستىدە پاراڭلىشىپ، ھەمكارلىق ئۈستىدە سۆزلىشىپ، كەلگۈسى ئۈستىدە توختالدى، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى سۆھبەت ئۆتكۈزگەندە بىر قاتار مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى ھەم يېڭىلىق يارىتىش، تەنھەرىكەت، ئىقتىساد–سودا قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا گۇۋاھ بولدى.

  پادىشاھ خارالد V بىلەن سۆھبەتلىشىش جەريانىدا، رەئىس شى جىنپىڭ تىلغا ئالغان ئۆتكەنكى ئىشلار كىشىلەرنىڭ خىيالىنى 39 يىل ئىلگىرىكى چاغلارغا باشلاپ باردى——

  ‹‹1979–يىلى، مەن مۇئاۋىن زۇڭلى گېڭ بياۋغا ھەمراھ بولۇپ شىمالىي ياۋروپادىكى تۆت دۆلەتكە زىيارەتكە بارغانىدىم، نورۋېگىيەدىكى مەزگىلدە ئوسلو ۋە ستاۋانگېردا زىيارەتتە بولغان ھەم شۇ جايدىكى ئاۋامنىڭ ئائىلىلىرىدە زىيارەتتە بولغانىدۇق، نورۋېگىيەنىڭ تەرەققىي تاپقان پاراۋان جەمئىيىتى بىزدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغانىدى››.

  بۇ، جۇڭگو–نورۋېگىيە مۇناسىۋىتى تارىخىدىكى تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بىر قېتىملىق دىپلوماتىيە پائالىيىتى ئىدى. 1979–يىلى 5–ئاينىڭ 21–كۈنىدىن 28–كۈنىگىچە، ئەينى چاغدىكى گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى گېڭ بياۋ نورۋېگىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولغان، بۇ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى رەھبىرىنىڭ نورۋېگىيەدە تۇنجى قېتىم زىيارەتتە بولۇشى بولۇپ، نورۋېگىيە تەرەپنىڭ يۇقىرى ئۆلچەملىك كۈتۈۋېلىشىغا ئېرىشكەن. ئەينى چاغدا 26 ياشلىق شى جىنپىڭ جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بىر ئەزاسى سۈپىتىدە بىللە زىيارەتكە بارغانىدى. ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ كۈنتەرتىپ ئورۇنلاشتۇرۇشى زىچ بولۇپ، نورۋېگىيەدىكى ھەر ساھە زاتلار بىلەن كەڭ دائىرىدە ئۇچرىشىپ، زىيارەت تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانىدى.

  رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ ئېنىق ئەسلىمىسىدىن پادىشاھ خارالد V ۋە نورۋېگىيەلىك ئەزىز مېھمانلار ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇر مەنبەسىنى ھېس قىلدى.

  سۆھبەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، رەئىس شى جىنپىڭ، رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭ زالىدا پادىشاھ خارالد V ۋە رەپىقىسىنى قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئەركىن–ئازادە خۇشال كەيپىياتتا ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى.

      زىياپەتتە، پادىشاھ خارالد V ۋەكىللەر ئۆمىكىدىن ئەمدىلا ئاڭلىغان مۇنداق بىر مۇھىم ئۇچۇرنى ئېلان قىلدى: رەئىس شى جىنپىڭ ئەينى چاغدا نورۋېگىيەدە زىيارەت قىلغان ئائىلىنىڭ قىزى دەل بۇ قېتىم ئۆمەك بىلەن بىللە جۇڭگوغا زىيارەتكە كەپتۇ. ئۇنىڭ ئىسمى ئىنگۋى سمىنېس تىبرىن ئېد بولۇپ، ھازىر نورۋېگىيە نېفىت ۋە ئېنېرگىيە مىنستىرلىقىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى.

  ‹‹مەن بۇ خانىم بىلەن بىر كۆرۈشەي، بۇ ھەقىقەتەن ئاجايىپ ئۇچرىشىش بولدى!›› دېدى بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان رەئىس شى جىنپىڭ خۇشال ھالدا.

  پۈتۈن مەيداندىكىلەرنى بۇ ‹‹تاسادىپىي ئىش›› جەلپ قىلىۋالدى، ھەممەيلەن بۇ مۇھىم تارىخىي پەيتكە گۇۋاھ بولۇش ئۈچۈن جىمجىت كۈتۈپ تۇردى.

  ئىگىلىنىشىچە، تىبرىن ئېد ئادەتتىكى ئىشچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، رەئىس شى جىنپىڭ 1979–يىلى زىيارەتكە بارغاندا، ئۇ ئەمدىلا 14 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئاتا–ئانىسى جۇڭگولۇق ئەزىز مېھمانلارنى قىزغىن كۈتۈۋالغان. ھازىر، تىبرىن ئېدنىڭ دادىسى ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ، ئاپىسىمۇ ئەينى يىلىدىكى ياتاق بىناسىدىن كۆچۈپ كېتىپتۇ.

  تىبرىن ئېد رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: بايا سۆھبەتتە سىزنىڭ ئەينى چاغدا زىيارەتكە بارغانلىقىڭىزنى ئاڭلاپ، بىردىنلا ئاشۇ چاغدىكى ئىشلار يادىمغا كەلدى.

  رەئىس شى جىنپىڭ سەمىمىيلىك بىلەن ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: ئېسىمدە قېلىشىچە، شۇ قېتىم زىيارەتكە چىققاندا، ھەربىر جايغا بارغاندا شۇ يەردىكى ئاددىي پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئاۋامنىڭ ئائىلىلىرىگە كىرىپ كۆرۈپ باققانىدۇق.

  ‹‹ئېنىق ئېسىمدە تۇرۇپتۇ، ئۆزلىرى كېلىشتىن ئىلگىرى، ئاپام ئاكام ئىككىمىزنى ئۆيلەرنى بەش–ئالتە قېتىم تازىلاتقۇزغانىدى، ئاپام سەل ئاشۇرۇۋەتكەنىدى››. تىبرىن ئېدنىڭ قىزىقارلىق گەپلىرى كۆپچىلىكنى كۈلدۈرۈۋەتتى.

  رەئىس شى جىنپىڭ ھاياجان بىلەن مۇنداق دېدى: ۋاقىت تېز ئۆتۈپتۇ، ھەش–پەش دېگۈچە 40 يىل بوپتۇ.

  ‹‹سىز بىلەن مۇشۇنداق مۇناسىۋىتىمىز ۋە رىشتىمىزنىڭ بولغانلىقىدىن تولىمۇ شەرەپ ھېس قىلىمەن›› دېدى تىبرىن ئېد. ئۇ رەئىس شى جىنپىڭنى نورۋېگىيەگە يەنە زىيارەتكە بېرىشقا، پۇرسەت بولسا ئۆيىگە بېرىپ مېھمان بولۇشقا تەكلىپ قىلدى.

  رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بۇ جۇڭگو–نورۋېگىيە خەلقلىرى ئارىسىدىكى دوستلۇق رىشتىسى، بىز ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى دوستانە ھەمكارلىقنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرساق بولىدۇ.

  رەئىس شى جىنپىڭمۇ تىبرىن ئېدتىن ئۇنىڭ ئاپىسى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرگە سالام يوللىدى.

  ئاددىي ئالاقە، ئۇزاققا سوزۇلغان دوستلۇق مېھرى.

  مۇشۇ پەيتتە ئالتۇن رەڭ زال قايتا ئۇچرىشىشنىڭ خۇشاللىقى ۋە ئىللىقلىقىغا تولغانىدى.

  ‹‹بۇ بىر قېتىملىق ئويلاپ باقمىغان ئاجايىپ كەچۈرمىش بولدى››. تىبرىن ئېدنىڭ ھاياجىنى تېخىچە بېسىلمىغانىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئارىدىن 40 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتۈپتۇ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ نورۋېگىيەدە زىيارەت قىلغان ئاددىي بىر ئائىلىنى ئېنىق ئەستە ساقلىغانلىقى جۇڭگو رەھبىرىنىڭ نورۋېگىيە دۆلىتى ۋە خەلقىگە بولغان چوڭقۇر تەسىراتى ۋە چوڭقۇر دوستلۇقىنى نامايان قىلدى. ‹‹مەن بۇنىڭدىن ئىنتايىن پەخىرلەندىم››.

  بۇ قېتىمقى تاسادىپىي ئۇچرىشىش جۇڭگو–نورۋېگىيە دوستلۇق ئالاقىسىنىڭ تۈپ ئاساسىنى جانلىق شەرھلەپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.

  خۇددى رەئىس شى جىنپىڭ ئېيتقاندەك، نورۋېگىيە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ۋە جۇڭگونىڭ بازار ئىگىلىكى ئورنىنى ئەڭ بۇرۇن ئېتىراپ قىلغان ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ بىرى. كېلەر يىلى جۇڭگو بىلەن نورۋېگىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 65 يىللىقى، جۇڭگو تەرەپ نورۋېگىيە تەرەپ بىلەن بىللە بۇنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو–نورۋېگىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشنى خالايدۇ.

  پادىشاھ خارالد Ⅴ جۇڭگوغا 33 يىلدا تۆت قېتىم زىيارەتكە كېلىپ، ‹‹جۇڭگودىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرگە گۇۋاھ بولدى››. ئۇ نورۋېگىيە–جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ‹‹كۈچلۈك ھاياتىي كۈچنى نامايان قىلىدىغانلىقى››غا ئىشىنىدۇ.

  ‹‹40 يىلغا يېقىن تەرەققىيات ئارقىلىق جۇڭگو بىلەن نورۋېگىيەدە ناھايىتى زور ئۆزگىرىش بولدى، ئىككى دۆلەتنىڭ چەكسىز ھەمكارلىق پۇرسىتى بار››. تىبرىن ئېد مۇنداق دېدى: مەن ئادەتتىكى ئائىلىنىڭ قىزىدىن ھازىر نورۋېگىيە نېفىت ۋە ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بولدۇم، مەن مەسئۇل بولغان ساھەدە ئىككى دۆلەتنىڭ تېخىمۇ قويۇق ھەمكارلىشىشىغا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  چىن دوستلۇق ئۇزاق داۋاملىشىدۇ.

  بۇ 39 يىلنى ھالقىغان ‹‹ئاجايىپ ئۇچرىشىش››نىڭ كىشىلەرنىڭ ئېسىدە چىڭ ساقلىنىدىغانلىقىغا ھەم كەڭ تارقىلىدىغانلىقىغا، جۇڭگو–نورۋېگىيە، ھەتتا جۇڭگو–چەت ئەل مۇناسىۋىتى تارىخىدىكى تىللاردا داستان بولغۇدەك ھېكايىگە ئايلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10–ئاينىڭ 17–كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.