تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى

  شى جىنپىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى:

نىشاننى كۆزلەپ غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىش كېرەك

لى كېچياڭ تەستىقىي يوليورۇق بەردى

     شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10–ئاينىڭ 17–كۈنى تېلېگراممىسى. 5–قېتىملىق دۆلەت نامراتلارنى يۆلەش كۈنى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىل دۆلىتىمىز نامراتلىقنى تەدرىجىي تۈگەتكەن 40 يىل. 40 يىل ئۇدا كۈرەش قىلىش ئارقىلىق 700 مىليوندىن ئارتۇق ئاھالە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇلۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ نامراتلارنى ئازايتىش تارىخىدا مۆجىزە يارىتىلدى. ھازىر، جۇڭخۇا مىللىتىدە نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان كۆك نامراتلىق مەسىلىسى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئەڭ ئاچقۇچلۇق باسقۇچقا قەدەم قويدى.

     شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئىش ۋۇجۇدقا چىقمىغىچە بەل قويۇۋەتمەسلىك كېرەك، قانچە جىددىي پەيتكە كەلگەنسېرى، جەزمەن غەلىبە قىلىدىغان ئېتىقادنى شۇنچە چىڭىتىش، بىرلا غەيرەت بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىدىغان ئىرادە بولۇش كېرەك. جايلار، تارماقلار مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلىسىلا، نامرات رايونلاردىكى كەڭ كادىرلار، ئامما ئۈزلۈكسىز جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلىسىلا، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق بىر مەقسەتتە بولۇپ، نىشاننى كۆزلەپ غەيرەت بىلەن ئىشلىسىلا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىن ئىبارەت بۇ قاتتىق جەڭدە جەزمەن قەرەلىدە غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ.

     جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جايلار، تارماقلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر–ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېزا–كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇشى، بولۇپمۇ ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى قوللاشنى كۈچەيتىپ، ئالاھىدە نامرات ئاھالىلەرگە قارىتا تېخىمۇ كۈچلۈك يۆلەش تەدبىرى قوللىنىشى كېرەك. مەبلەغنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نامراتلارنى يۆلەشنى تەكشۈرۈپ باھالاش ۋە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش، ئايلىنىپ تەكشۈرۈشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك. نامراتلارنى يۆلەشنى ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش، ئەقىل جەھەتتىن يۆلەش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، نامرات رايونلاردىكى نامرات ئاھالىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئۇرغۇتۇپ، بۇ يىل يەنە 10 مىليوندىن ئارتۇق نامرات ئاھالىنى ئازايتىش ۋەزىپىسىنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، 2020–يىلىغا بارغاندا دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى ئۆلچىمى ئاساسىدا نامرات يېزا ئاھالىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، رايون خاراكتېرلىك ئومۇميۈزلۈك نامرات بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەك.

  مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مۇكاپاتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى ۋە ئىلغارلارنىڭ ئىش–ئىزلىرىدىن دوكلات بېرىش يىغىنى 10–ئاينىڭ 17–كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ۋە لى كېچياڭنىڭ تەستىقىي يوليورۇقى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن يۆلەش–ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى خۇ چۈنخۇا يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى ئىلغار تىپلارنىڭ ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇمايدىغان، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالىدىغان ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش روھى، نامراتلارنى يۆلەپ، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىدىغان، ئۆزئارا ھەمدەمدە بولىدىغان بۈيۈك مېھىر–مۇھەببەت روھى، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرىدىغان، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش قىلىش روھى، ئويلاشقا، ئىش قىلىشقا، ئىزدىنىشكە جۈرئەت قىلىدىغان ئىجاد قىلىش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەڭ كەڭ دائىرىدىكى ئىجتىمائىي سەپەرۋەرلىكنى يولغا قويۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن قويۇق كەيپىيات يارىتىش، كۈچلۈك بىرىكمە كۈچ مۇجەسسەملەش كېرەك.

  يىغىندا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن 99 شەخس ۋە 40 ئورۇن تەقدىرلەندى. ليۇ خۇڭ، ۋاڭ شىلىڭ، جاڭ چۈۋېي، شۈ دۇڭمېي، خۇاڭ جېنرۇڭ، ۋېن بىنجۈن قاتارلىق مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەرنىڭ ۋەكىللىرى ئىلغار ئىش ئىزلىرىدىن دوكلات بەردى.

  2018–يىللىق مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەرنىڭ ۋەكىللىرى، گوۋۇيۈەن يۆلەش–ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، نۇقتا بەلگىلەپ نامراتلارنى يۆلەش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بېيجىڭدىكى مەركەز ئورۇنلىرىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلىرى يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.