تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

ھامىلىدارلىق سىزىقچىلىرى پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى

  1) تەركىبىدە ئومېگا-3 ياغ كىسلاتاسى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش. ئومېگا-3 ياغ كىسلاتاسى تېرىنىڭ يۇمران ھالىتىنى ساقلىشىغا ياردەم بېرىپ، ھامىلىدارلىق سىزىقچىلىرى پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. چوڭقۇر دېڭىز بېلىقلىرى، زىغىر (ئۇرۇقى)، ياڭاق، دادۇر ۋە يۈسۈن قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە ئومېگا-3 ياغ كىسلاتاسى مول.

   2) ۋىتامىن D تولۇقلاش. ساغلام تېرە ئۈچۈن ۋىتامىن D تولىمۇ مۇھىم ھېسابلىنىدۇ.

  3) نەملىك ساقلاش، تېرە يۇمرانلاشتۇرۇش مېيى ئىشلىتىش. تېرە يۇمرانلاشتۇرۇش مېيىنى ئىزچىل ئىشلىتىپ بەرگەندە، ھامىلىدارلىق سىزىقچىلىرى پەيدا بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ، تېرە سوزۇلغاندىكى قىچىشىش ئالامىتىنى پەسەيتىدۇ.

   4) مېۋە، كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش. ۋىتامىن A، C، E ۋە سىنك تېرە ساغلاملىقىدىكى زۆرۈر ئوزۇقلۇقلاردۇر. مېۋە ۋە كۆكتات تەركىبىدە كۆپ خىل ۋىتامىن ۋە مېنىرال ماددىلار مول.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • نىڭبو-كۇچا ئىتتىپاقلىق كەنتىدىكى تۆت ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ دەۋر ئەسلىمىسى
  • باھاردا كۆكلەم سەيلىسى قىلىش
  • نەشپۈت چېچىكى ساياھەتچىلەرنى مەستخۇش قىلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى