جۇڭگو تەمىنلىگەن بىر جۈپ قىزىل ئىبىس ياپونىيە سادو قىزىل ئىبىس قوغداش رايونىغا ئېلىپ كېلىندى
مۇھەررىر :
بۇئايشەم راخمان
|
مەنبە:
تىيانشان تورى
2018/10/19 11:32
جۇڭگو تەرەپ ياپونىيەگە تەمىنلىگەن بىر جۈپ قىزىل ئىبىس «لوۋ لوۋ» بىلەن «گۈەن گۈەن» ياپونىيە چىبا ناھىيەسىدىكى نارىتا ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ كەلدى.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: جۇڭگو شەنشىدىن كەلتۈرۈلگەن بىر جۈپ قىزىل ئىبىس 10-ئاينىڭ 17-كۈنى ياپونىيە چىبا ناھىيەسىدىكى نارىتا ئايرودۇرۇمىدىن ئالمىشىپ، نىگاتا ناھىيەسىدىكى سادو ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ كېلىپ، شۇ كۈنى كەچتە سادو قىزىل ئىبىس قوغداش رايونىغا ئېلىپ كېلىندى. بۇ جۇڭگو 2007-يىلىدىن كېيىن 11 يىل ئۆتۈپ يەنە بىر قېتىم ياپونىيەنى قىزىل ئىبىس بىلەن تەمىنلىشى ھېسابلىنىدىكەن. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇا يى فوتوسى)
مەسئۇل مۇھەررىر :
قۇربانجان قېيۇم
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.