شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى. مۇخبىرنىڭ 10-ئاينىڭ 16-كۈنى شىنجاڭ تۆمۈريول يولۇچى توشۇش تارمىقىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ تۆمۈريولى يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، كورلا-خېجىڭ ئارىلىقىدا قاتنايدىغان K9731 ،K9732 ،K9733 ،K9734-قېتىملىق يولۇچىلار پويىزىنى تەسىس قىلىشنى قارار قىلغان.
ئىگىلىنىشچە، 10-ئاينىڭ 20-كۈنى كورلا شەھىرىدىن خېجىڭ ناھىيەسىگە بارىدىغان K9732 ،K9734-قېتىملىق يولۇچىلار پويىزى، 10-ئاينىڭ 21-كۈنى خېجىڭ ناھىيەسىدىن كورلا شەھىرىگە بارىدىغان K9731-قېتىملىق يولۇچىلار پويىزى قاتناشنى باشلايدىكەن.
كورلا شەھىرىدىن خېجىڭ ناھىيەسىگە يولۇچىلار پويىزى قايتا قاتناشقا باشلىغاندىن كېيىن، خېجىڭ ناھىيەسىدىكى يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشتىكى قولايسىزلىقى مەلۇم دەرىجىدە يېنىكلەيدۇ، يولۇچىلار خېجىڭ ناھىيەسىدىن پويىزغا ئولتۇرۇپ شىمالىي شىنجاڭ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى شەھەرلەرگە، شۇنداقلا شىنجاڭدىن باشقا جايغا بارالايدۇ.